تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە ۋە نوپۇزلۇق گېزىتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە تەھلىللەرگە كەڭ - كۆلەمدە يەر بەرمەكتە.
بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۈررىيەت، ساباھ، مىللىيەت، رادىكال گېزىتلىرىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلدى. ھۈررىيەت گېزىتىدىكى خەۋەردە خىتايلارنىڭ تۈركلەرگە قورسىقى كەڭلىك قىلىپ تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشىكىنىمۇ ئاچقانلىقىنى، رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تۈركىيىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تور بەتلىرىدە بولسا خىتايلارنىڭ تۈركلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئېگىز بىنالارنى كۆرسىتىپ يولغا سالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا پايدىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل بېيجىڭدا تۇرۇپ "ترت" تۈرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى.
ئەمما ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىمۇ ئېلىپ كەتكەن. بۇلار نېمىنىڭ بىشارىتى؟ ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا دېگەندەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟
بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدە تونۇلغان تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.