تۈركىيە بىلەن خىتاي ئافرىقىدا رىقابەتلىشەمدۇ ياكى ھەمكارلىشامدۇ؟
2013.01.11

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، ئافرىقىدىكى گابون، ئالجىرىيە ۋە سىنگال يەنى سېنېگلا قاتارلىق 3 دۆلەتنى رەسمىي زىيارەت قىلدى. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە، تىجارەت ھەجىمىنى كۆپەيتىشكە شۇنداقلا ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق ئىزدەشكە تىرىشماقتا. ئىگىلىنىشچە، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە تۈركىيە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە 19 ئەلچىخانا ئېچىش بىلەن ئافرىقىدىكى ئەلچىخانلىرىنى 34 كە چىقارغان.
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئافرىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ؟
تۈركىيە زىيالىيلار ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئافرىقا تەتقىقاتچىسى شاھىن ئۆزگەچەن ئەپەندىنىڭ تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئافرىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئافرىقا قىتئەسى 20 مىليون كۇۋادرات كىلومتېر يۈز ئۆلچىمى، 1 مىلياردقا يېقىن نوپۇسى بىلەن شۇنداقلا ئافرىقا يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى بىلەن خەلقئارا سەھنىدە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بىر يەر ئىكەن. ئافرىقا دۇنيا نېفىت ئېھتىياجىنىڭ يۈزدە 15% ىنى تەمىنلەيدىكەن. دۇنيا تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئۈچتەن بىرىنى تەشكىل قىلىدىكەن، ئافرىقا قىتئەسى باشتا خىتاي قاتارلىق ئامېرىكا، ياۋروپا، رۇسىيە ياپونىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر يەر ئىكەن. تۈركىيىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان 2000 - يىلىدىكى يىللىق تىجارەت ھەجىمى 750 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ رەقەم 2011 - يىلى 9 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى ھازىر ئافرىقىدىكى 24 دۆلەتكە قاتنايدىكەن. تۈركىيىنىڭ بەزى ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى، تۈركىيە بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقىدا رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر نېمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ؟
ئۇچۇر خىزمەتلىرى ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىدىكى توغرىلار ۋە خاتالار دېگەن ماقالىدە خىتاي بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نېمىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ۋە ئافرىقا بولسا، بىرى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتسادى، يەنە بىرى بولسا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرگۈچى دۆلەتلەرگە سېتىپ، نامراتلىقتىن كېسەللىكلەردىن، ئىچكى ئۇرۇشلاردىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۈرۈشقا تىرىشىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى تىزلىتىش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچيىىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا ئېھتىياجى بار، خىتاينىڭ ئېھتىياجى ئافرىقىدا مەۋجۇت، ئافرىقا بولسا تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ياردىمىگە مۇھتاج، بىرسىدە بار بولغان يەنە بىرىدە يوق، بۇلار تەلەپ - ئېھتىياج، ئارزۇ - ئىستەك بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دۇنيادا بىرىنچى نومۇرلۇق ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى، ئافرىقا بولسا بۇ ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئۆتۈش نۇقتىسى. دۇنيادا ھىندىستاندىن قالسا خىتاي شىركەتلىرى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلىدىغان دۆلەت دەپ قارالماقتا. پارىخورلۇق خىتايدىكىگە ئوخشاش ئافرىقىدىمۇ نۇرغۇن ئىشىكلەرنى ئاچىدىغان بىر ۋاسىتە. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئافرىقىدا ئىش قىلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىگە دىققەت قىلمايدىغان خىتاي ئافرىقا لىدەرلىرى بىلەن دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قورال سودىسى ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن نېفىت سېتىۋېلىشنىڭ باھاسىنىمۇ تۆۋەنلەتتى. ئافرىقىنىڭ قورال سېتىۋېلىش ئېھتىياجى خىتاينىڭ قورال - ياراق سېتىش سودا ھەجىمىنى چوڭايتىش ئۈچۈنمۇ پۇرسەت ياراتتى.
2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۈركىيە قانال ئا تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئافرىقا سىياستى ۋە تەسىرى توغرىسىدا بىر پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنىستىىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتناشتى ۋە رىياسەتچىنىڭ تۈركىيە، ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسەتلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئافرىقىغا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىشتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق بىر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ياكى ئايرىم - ئايرىم ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن خام ماددىغا ئېھتىياجى بار، ئافرىقا ھەم بىر تىجارەت بازىرى، ھەم خام ماددا مەنبەسى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي 1996 - يىلدىن باشلاپ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئەھميەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى، ئىچكى قسىمدا مۇقىملىقنى ساقلاش. مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاساسى مەقسەت ئىقتىسادى تەرەققىيات. بۇ خىتاينىڭ 70 يىللىق بىر سىياسىتى يەنى بىر ئىستراتېگىيىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىمۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا باغلىق. يەنى بىخەتەر بىر مۇھىت بەرپا قىلىش. ئەمما خىتاي يېڭى بىر سۈمۈرگۈچىلىك چۈشەنچىسى بىلەن تىپىرلاۋاتىدۇ. غەربلىكلەر خىتاينى يېڭى سۈمۈرگۈچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ دېيىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، يول، تەنتەربىيە مەيدانلىرى ۋە دوختۇرخانا دېگەنگە ئوخشاش قۇرۇلۇشلارنى سېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىكى تەبىئىي بايلىقلارنى خىتايغا يۆتكەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي يېڭى سۈمۈرگۈچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئافرىقلىقلار خىتايغا ھازىر بۇرۇنقىدەك ئىجابىي كۆز بىلەن قارىمايدۇ، خىتايغا بولغان چۈشەنچىسى ئۆزگەردى، ھەر ئاي، ھەر زامان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىۋاتقانلىقى، قوغلىنىۋاتقانلىقى ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىۋاتىدۇ، ئافرىقا خەلقى خىتايغا قارشى سەلبىي ئۇسۇللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنىۋىي قىممەت قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان تاشقى سىياسەت تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلەردە ئىقتىسادى مەنپەئەت ئاساس بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئافرىقا خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئۆزگەردى يەنى ئۇلارنى يامان كۆرۈشكە باشلىدى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىنىڭ ئافرىقىدا تۈركىيە ئۈچۈن پۇرسەت بارمۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئۈچۈن ھازىر ئافرىقىدا كۆپلىگەن پۇرسەتلەر بار، چۈنكى ئافرىقا خەلقى خۇسۇسەن مۇسۇلمان بولغان خەلق، ئوسمانلىدىن بۈگۈنكىچە تۈركىيىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بار، تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى پرىنسىپال ۋە قىممەت قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر سىياسەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئافرىقىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئۇ خەلقلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە قېرىنداشلىقنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى بار. ئەمما تۈركىيە ئافرىقىنىڭ پەن - تېخنىكا، تەرەققىيات ساھەلىرىدىكى ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قامداپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ئافرىقىدا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئەمەس، ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئەمما خىتاي تۈركىيىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنچ قىلىدۇ، بۇ بىر مەسىلە، ئىككىنچى مەسىلە خىتاي ئافرىقىدا سۈمۈرگۈچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر تۈركىيە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان تەقدىردە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىمۇ ئافرىقىغا كىرىشنى خالايدۇ، ئۇ يەرگە مەبلەغ سېلىشنى، ئۇ يەردە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەربىي بازا قۇرۇشنى خالايدۇ، ئەگەر تۈركىيە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارغان تەقدىردە تۈركىيە ئىتتىپاقداش بولغان ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قانداق بولىدۇ، بۇمەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك بولىدۇ.
ماقالىلارنىڭ مەنبەلىرى:
http://www.datassist.com.tr/yenilikler/cinin-afrika-cikarmasinda-yanlislar-dogrular.html
http://www.bilgesam.org/tr/index.php?option=com_content&view=article&id=1560:tuerkiyenin-afrika-aclm&catid=169:analizler-afrika