تۈركىيىدە چىقىدىغان ساباھ گېزىتىنىڭ 21 - نويابىردىكى سانىدا يازغۇچى ئۆمەر تاشپىنار تەرىپىدىن يېزىلغان «ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى قاتتىق بولماقتا »دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: ئىراق، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىران، سۈرىيە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، دېگەنگە ئوخشاش پۈتكۈل بۇ مەسىلىلەر ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى ئاساسى قىسمى ۋە ئالدىنقى شەرتلىرى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ باشقا بىر ئالاھىدلىكلىرىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ 21 - ئەسىردە ئامېرىكىنى ئەڭ كۆپ دۇچ كېلىدىغان ئاساسى مەسىلىلەردىن ئۇزاق تۇتۇش. ئاساسى مەسىلە نېمە؟ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىيىشى ۋە شەرقىي ئاسىيادا خىتاينىڭ ئېشىۋاتقان ھەربىي كۈچى. 2001 - يىلى 11 سېنتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئامېرىكا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشلاردا نەچچە يۈز مىليارد دوللار چىقىم قىلدى. چوڭ كۈچ بولۇپ ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلار ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى چىرىتتى، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئاجىزلاشتۇردى. 21 - ئەسىر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئاكادېمىكلار ۋە تارىخچىلار 2000 - 2010 - يىللار ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا ئېلىپ بارغان بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ كۆپ خىتايغا پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى يېزىشى مۇمكىن.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىدا پاتقاققا پېتىشنى خالىمايدۇ. ۋاشىنگتون 21 - ئەسىرنىڭ ئاسىيانىڭ بولۇپمۇ، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ يۈكسىلىدىغان يىللىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوباما ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان پاكىستان مەسىلىسىدىمۇ ھىندىستاننى رەنجىتىشنى خالىمايدۇ. دەل ئەكسىچە بولغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا پاكىستاننىڭ تولۇق قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھىندىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا ھىندىستاننىڭ پوزىتىيىسىدە بۇنچىۋالا چېكىنىش بولمايتتى. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مىكرو ئىستراتېگىيىسى خىتايغا قارشى ھىندىستاننى يېنىغا تارتىش ئۈستىگە قۇرۇلدى. بۇ ئىستراتېگىيە سەۋەبىدىن ئامېرىكا پاكىستاننىڭ خىتاي تەرەپكە ئۆتۈش كېتىش خەتىرىگە دۇچ كەلدى. ئەمما نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ھىندىستان ئامېرىكا ئۈچۈن پاكىستاندىن تېخىمۇ مۇھىم.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىنى زىيارەت قىلغان ئوبامانىڭ خىتاينى چەمبەرگە ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ سىگنالى شۇكى، ۋاشىنگتون بۇ رايوننى ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە بوش قويمايدۇ. جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە بۇ رايوندا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋا قىلىشى، ئامېرىكىنى بىئارام قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئەسكەر كۈچىنى ئاشۇرۇشى ئوخشاش ۋاقىتتا ياپونىيە ۋە كورىيە، فىلىپپىن ۋە ئاۋسترالىيىگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى ئىستراتېگـئىيىلىك ئورتاقلىرىنىڭ بۇ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىسى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئۇ رايوندا خىتايغا قارشى يالغۇز قېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىلگىرى ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىلىرىنىڭ بەدىلىگە نېمە پايدا ئالساق بولار دەپ ئويلىشاتتى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز دەپ ئويلايدىغان بولدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئوبامانىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان زىيارىتى بويىچە بۇ رايوننىڭ دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن ھېچ كىم ھەيران قالمىسۇن. ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان ئوباما، خىتاينىڭ ئېشىۋاتقان تەسىرىگە ئىشارەت قىلىپ، "بىز ئامېرىكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاسىيانىڭ كۈچى ۋە بۇ يەردە داۋاملىق قالىمىز"، دېيىشىنى، ئوخشاش مەنادا چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئاۋسترالىيىدە تۇرىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاشۇرۇلىشىمۇ خىتاينىڭ ئۇ رايوندا ئېشىۋاتقان تەسىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ھۇجۇم.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئاۋستىرالىيىدىن كېيىن ھىندونوزىيىدە ئاسىيا لىدېرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئوباما بۇ يەردىمۇ يېڭى ئىقتىسادى ھەمكارلىق قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يەردە خىتاينى چەتكە قېقىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن خىتاي ھازىرمۇ نەشىر ھوقۇقى ۋە ئەقلى مۈلك ھوقۇقى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردە خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ بەك ئارقىسىدا دەپ قارىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا پەقەت ھەربىي جەھەتتىن ئەمەس ئىقتىسادى ۋە تىجارەت ساھەلەردىمۇ خىتايغا بىر تۈركۈم بېسىم قىلىشنى خالايدۇ، دېيەلەيمىز. نەتىجىدە ئېتىبارى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى قاتتىق بولىۋاتىدۇ. ۋاشىنگتون ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، خىتاي، شەرقىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا ھەققىدە تېخىمۇ جىددى بىر شەكىلدە چۈشىنىشنى خالايدۇ.
س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 17 - نويابىر، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئەسكەر سانى ۋە ئورنى توغرىسىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىدە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازلىرى ۋە كۆپ ساندا ئەسكەرلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئاۋسترالىيە بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىم بويىچە ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيىدە 2016 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرىدىغان ئەسكەر سانىنىڭ 2500 گە چىقىرىلغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ يەنە جەنۇبىي كورىيىدە 28مىڭ، ياپونىيىدە 50 مىڭ ئەسكىرى بار. ھىندونوزىيىگە 820 كىلومېتر ئۇزاقلىقتا تۇرغۇزۇلىغان 2500 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇب ئاسىياغا ۋە ھىندى ئوكيانغا تىز سۈرئەتتە يېتىپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى، بۇ ھەقتىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتتى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇنچىۋالا كۈچلىنىپ كېتىشىدە ئامېرىكا چوڭ رول ئوينىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىقىتىش ئۈچۈن خىتايغا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ كۈچلىنىشىگە سەۋەب بولغان. ئەگەر خىتاي بۇ خىل داۋام قىلىدىغان بولسا ئامېرىكىغىمۇ زىيان يېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ياۋروپادىكى ئىقتىسادى كرىزىستىن پايدىلىنىپ ئۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ ياۋرۇپا كىرىشكە باشلىدى. ئامېرىكا بۇنى كۆرۈپ خىتايغا قارشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىدى دەپ قارايمەن. ئامېرىكا ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ خىتاينىڭ ئۇ تەرەپكە كېلىشىنى توشۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ھازىرمۇ فىلىپپىن قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يېڭىلىق.