تۈركىيە خىتاي بانكىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

دۇنيانىڭ 18 - چوڭ بانكىسى بولغان خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيىدە شۆبە ئېچىش تەلىپىنى تۈركىيە بانكىچىلىق تەپتىش ئىدارىسى رەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-02-23
Share
Xitay-Zhonggo-Bankisining-iltimasi-ret-qilindi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺳﺎﺑﺎﻫ" ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "ساباھ" گېزىتىنىڭ 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بانكىسى تۈركىيىدە شۆبە ئېچىش ئۈچۈن تۈركىيىگە رەسمى ئىلتىماس سۇنغان. 2010 - يىلى ئىچىدە تۈركىيىدە شۆبە ئېچىشنى پىلانلىغان خىتاي بانكىسىنىڭ بۇ تەلىپى، تۈركىيە بانكىچىلىق تەپتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

بۇنداق بىر جاۋابنى كۈتۈپ باقمىغان خىتاي ھەيئىتى بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان. تۈركىيە بانكىچىلىق تەپتىش ئىدارىسى باشلىقى تەۋفىك بىلگىن خىتايلارغا "ئالدى بىلەن تۈركىيىگە مەبلەغ سۈپىتىدە نەق پۇل ئەكىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئويلىشايلى" دەپ جاۋاب بەرگەن. 121 مىليارد دوللار مەبلىغى، 250 مىڭ ئىشچى خىزمەتچىسى، 10 مىڭ 789 شۆبىسى بار خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيىدە شۆبە ئېچىش تەلىپى، ئۆتكەن ئاي خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭ تۈركىيىگە زىيارەت ئېلىپ بارغان ۋاقتىدا كۈن تەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

خىتاي بانكىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لىجۈن، مۇئاۋىن باشلىقى سىچىن چېن باشچىلىقىدىكى 8 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۈركىيە بانكىچىلىق تەپتىش ئىدارىسى باشلىقى تەۋفىك بىلگىن ۋە تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دۇرمۇش يىلمازلار بىلەن كۆرۈشكەن. خىتايلار خىتاي بانكىسىنىڭ بۇ يىل تۈركىيىدە شۆبە ئېچىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى ئۆتكەن يىلى 19 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، تۈركىيە خىتايدىن ئالغان مال كۆپ، تۈركىيىنىڭ خىتايغا ساتقان مېلى ئاز بولغان.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى قاتتىق ئېيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا - ئارقىدىن تۈركىيىگە ھەيئەت ئەۋەتىپ تۈركىيىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئوچۇق ئاشكارە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىشى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان تۈركىيىنىڭ خىتاي بانكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنلەردە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە نېمە ئۆزگىرىشلەر بار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا ھەققىدە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، دوتسېنت در. ئەركىن ئەكرەم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت