تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل خىتاي ۋەكىلى دەي بىڭگونى قوبۇل قىلدى

"خەۋەرتۈرك" گېزىتىنىڭ 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئاسىيا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ۋە ئۆز - ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەشكىلاتى (CICA) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ۋاكالىتەن كەلگەن دەي بىڭگونى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللا گۈل قوبۇل قىلغان.

0:00 / 0:00

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل دەي بىڭگونى قوبۇل قىلغاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۆتكەن يىلى خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ئابدۇللاھ گۈل يەنە تۈركىيىنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيادا تەسىرى كۈچكە ئىگە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېيىن دەي بىڭگو سۆز قىلىپ تۈركىيىدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان غەززەگە قۇتقۇزۇش بويۇملىرى يەتكۈزۈش پائالىيىتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيە ھەربىي خادىملىرىنىڭ ياردەم يەتكۈزۈش پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن 9 تۈركنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەي بىڭگۇئو خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خىتاي تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، تۈركىيە تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاسىيا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ۋە ئۆز - ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەشكىلاتى (CICA) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان دەي بىڭگۇئو سۆزىدە ئاسىيا رايونىنىڭ ھازىر خەۋپسىزلىك جەھەتتىن مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ۋە نۇرغۇن خەۋپلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دەي سۆزىدە خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاسىيادىكى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

دەي بىڭگونىڭ ئابدۇللا گۈل بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.