40 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بارماقتا.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ توختامنامىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىنىي تەربىيە، دىنىي خىزمەتلەر، دىنىي نەشرىياتچىلىق ۋە ھەج ئىشلىرى جەھەتتىن ھەمكارلىشىش قارار قىلىنغان.
بۇ توختامنامە بويىچە، خىتايدىن ھەر يىلى تۈركىيىدىكى ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئىسلام فاكۇلتېتلىرىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن ئوقۇش راسخوتىنى تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى كۆتۈرىدىكەن. 14 ماددىدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر توختامنامە بويىچە خىتايدىكى 40 مىڭ مەسچىتنىڭ 50 مىڭ ئىمامى نۆۋەت بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ بىلىم ئاشۇرىدىكەن.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بۇ توختامنامىدە، قۇرئانى كەرىم، ھەدىس قاتارلىق دىنىي ئەسەرلەرنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش، تۈركىيە بىلەن خىتاي 2012-يىلى بېيجىڭدا، 2013-يىلى ئىستانبۇلدا ئورتاق دىنىي يەرمەنكە ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تور بېتىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 14 ماددىلىق بۇ توختامنامە يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن.
توختانامىغا قول قويۇش مۇراسىمىغا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز، خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوۋەن قاتارلىق كىشىلەردىن باشقا تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات سېلىم ئەسەنلى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۈدۈرى پروفېسسور دوكتور مەمەت پاچاچى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى باشلىقى گۇاڭ يۈەن قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان.
تۈركىيە دىنىي ئىشلەر ئىدارىسى مۇدىرى پروف. در. مەھمەت گۆرمەز ئەپەندى ھازىر نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيىگە قايتىپ كېلىدىكەن.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى، كېيىن ئىستانبۇل چاغلايان مەيدانىدا 10 مىڭلارچە ئىنساننىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينى ئەيىبلىشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكتىپ ھالدا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيە خىتاي بىلەن 1971-يىلى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىسپاتى بولسا كېرەك.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ توختامنامىغا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر دىن تەتقىقاتچىلىرى قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بولار؟