تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "ھۆرىيەت" گېزىتىدىكى خەۋەردە، تۈركىيە سانائەت ۋە تىجارەت مىنىستىرىنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا ئورۇن بېرىلگەن. مەزكۇر باياناتتا يىغىۋېلىش قارارى چىقىرىلغان 77 خىل مەھسۇلاتنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى، بۇ بۇيۇملارنىڭ تەركىبىدە راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بايقالغانلىقى ئېيتىلغان.
نىھات ئەرگۈن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيىگە كىرگەن خىتاي بۇيۇملىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى، بۇنداق بۇيۇملارنى ساتقان شىركەت ۋە كىشىلەرگە ئېغىر جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ۋە خىتايدىن بۇ خىل بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
"ھۆرىيەت" گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بەزى شىركەتلەر راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ماددا بار بۇيۇملارنى "ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىلغان " دەپ تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىپ ساتقان. بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بۇيۇملىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىكەن.
تۈركىيە سانائەت تىجارەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئويۇنچۇقلاردا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بالىلار ئويۇنچۇق ئوينىغاندا ئاغزىغا تەككۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئويۇنچۇقلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
"ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى سانىدا تەركىبىدە راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ماددا بار دەپ يىغىۋېلىنغان خىتاي ماللىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى توقۇمىچىلىق بويۇملىرى ۋە ئويۇنچۇقلار ئىكەن.
تۈركىيىدە " خىتايدا ئىشلەپچىقىلغان بۇيۇملار" دېگەن ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا سۈپەتسىز بۇيۇملار كېلىدۇ. تۈرك ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا داۋاملىق ھالدا چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، تۈركىيىدە ھەر يەردە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ خىتاي شىركەتلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىدا راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ماددا بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ماللىرىنى بازارغا سالىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدە تىجارەت مەسلىھەتچىلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇرېشىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
تۈركىيە سانائەت ۋە تىجارەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرك خەلقىنى، ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقارغان بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.