خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلار

خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ 3-كۈنى يەنى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈركىيە-خىتاي سودا-تىجارەت مۇنبىرى ناملىق يىغىنغا قاتناشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.02.23
Abdulhamit-awshar.jpg در. ئابدۇلھەمىت ئاۋشار. 2012-يىلى 31-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ سودا-ئىختىساس ئىگىلىرى، يازغۇچىلار ۋە مۇخبىرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا تۈركىيىنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى زەپەر چاغلىيان سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا-تىجارەتتە تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىپ تۈركىيە داۋاملىق زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈركىيىنىڭ 2011-يىلى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە، 22 مىليارد دوللار قىممىتىدە مال سېتىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيىدىن ئاران 3 مىليارد دوللارغا يېقىن ئاز بىر مىقداردا مال سېتىلۋالغانلىقىنى ئىپادىلىدى شۇنىڭدەك بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مىنىستىر زەپەر چاغلىيان سۆزىدە يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تۈركىيىنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ھەجۋى شەكىلدە ئىپادىلەپ، تەك تەرەپلىمىلىك ئاشىق-مەشۇق ۋەقەسىگە ئوخشاتتى ۋە «بۇ بىزنى خۇشال قىلمايدۇ» دېدى.

shi-jinping-Abdullah-Gul-385.jpg
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئۇچراشتى. 2012-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە.
AFP

مىنىستىر زەپەر چاغلىيان سۆزىدە يەنە خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3 كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا 1.4 مىليارد دوللار قىممىتىدە سودا-تىجارەت توغرىسىدا توختام تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئېلى باباجان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيىدە بانكا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيىنىڭ خىتايدا بىر بانكا ئېچىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىغىندا سودا-تىجارەتتىن باشقا سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا ھېچ قايسى تەرەپنىڭ سۆز قىلماسلىقى ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مىنىستىر ئېلى باباجان تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ، ب د ت ۋە گ 20 قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ قارمۇ-قارشى مەيداندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

يىغىندا خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى قايغۇلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆزىنى ئاقلىغان بولدى ۋە خىتاينىڭ سودا-تىجارەتتە بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە بۇ زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىلىك مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرگە خىتاي يەرمەنكىلىرىدە باھادا ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق يەرمەنكىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ يىغىن بىر خىل سوغۇق ۋە بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە باشلانغان بولۇپ، ھېچ قايسى تەرەپتە قىزغىنلىق يوق دېيىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىن 2 سائەت داۋام قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، يىغىن باشلىنىدىغان مۇددەتتىن 50 مىنۇت كېچىكىپ باشلانغان ۋە 40 مىنۇت ئىچىدە ئاخىرلاشقان. «ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ ئاستىغا زىيارەتچىلەر پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىلدى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سودا-تىجارەت توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقىتىلدى. ئەمما خىتاي ئاخباراتلىرىدا، خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشقاندا، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ، خىتاينىڭ مۇستەقىللىقىغا زىيان سالىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى بايان قىلغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ خىتاينىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي خەلقىنىڭ بىردىن-بىر قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ قارايدىغانلىقىنى، تۈركىيىدە خىتاينى پارچىلايدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ بىر قىسىم گېزىت ۋە تور بېكەتلەر، خىتاينىڭ رەسمىي تور بېتى بولغان خىتاي خەۋەرلىرى ۋە خىتاي شىنخۇا ئاخباراتى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى نەقىل قىلىپ، «خىتاي تۈركىيىگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بېسىم قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىدا ئۇچۇر تارقاتتى.

بىز، خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.