ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىدە، 2000 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈزۈلگەن خەلقئارالىق تېررورغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش توختامنامىسى بىلەن 2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىككى دۆلەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېررور ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
بېشىر ئاتالاي ئەپەندى تۈركىيىنىڭ 58 دۆلەت بىلەن تېررورغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش توختامنامىسى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 - ئاي ئىچىدە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ، تۈركىيە ھۈكۈمىتىدىن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ دېيىشىچە، 5 - ئاينىڭ 21 - كۇنى تۈركىيىگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلمەكچى بولغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ، زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە ھۈكۈمىتىگە، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلەرنى تېررورچى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سوزلەشنىمۇ تەلەپ قىلغان. تۈركىيە ھۈكۈمىتى بۇ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىغاچقا زىيارەت تارىخى كېچىكتۈرۈلگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايلارنىڭ تۈرك پۇقراسى بولمىغان بەزى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيىدىن ئېلىپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى توختامنامىلىرىغا قول قويغان دۆلەت بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.