تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

2009 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى تۈركىيىنىڭ TRT-Truk تېلىۋېزىيىسى دۇنيا پروگراممىسىدا تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ سىياسى مەسىلىلىرى دېگەن تېمىدا بىر پروگرامما تارقىتىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىغا يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مەسئۇت ھەققى جاشىن ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ پروگرامما TRT-Truk تېلىۋېزىيىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

پروگرامما باشلىنىشتىن ئىلگىرى رىياسەتچى خانىم ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل زىيارەت قىلماقچى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈرك تارىخىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنىدىن 29 ‏- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارماقچى بولغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جۇغراپىيە جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەپ تونۇلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئابدۇللاھ گۈل خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولغان تۈنجى جۇمھۇرىيەت رەئىسى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تۈنجى زىيارىتى ئۈرۈمچىدىن باشلىنىدۇ. ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە دۆلەت مىنىستىرى ئەلى باباجان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي ۋە تاشقى سودا ‏- تىجارەت مىنىستىرى زەفەر چاغلىيان قاتارلىق مىنىستىرلار ۋە كۆپ ساندا ئىقتىسادشۇناس ۋە تىجارەت گۇرۇپپىسى ھەمراھ بولىدۇ.

پروگراممىدا يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مەسئۇت ھەققى جاشىن ئەپەندى رىياسەتچى خانىمنىڭ تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي مەسىلىلىرى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، سودا - تىجارەتتە تۈركىيىگە سۈپەتسىز ئەرزان باھالىق ساختا ماللار ئىمپورت قىلغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قانداق قىلىپ دۆلەت قۇرغانلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئۇ فىلىمدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاخىرقى يىللاردا ھەربىي ۋە ئىقتىسادى ساھەلەردە ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن سۆز قىلماقتا. لېكىن سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش يولىدا قەدەم باسماي قاتتىق قوللۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى دەپ تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتايدا 1949 ‏- يىلىدىكى سوتسىيالىزم دەۋرىدىن بۈگۈنگىچە دۆلەتتە نۇرغۇن شەيئى ئۆزگەردى. ئەمما سىياسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. 1949 ‏- يىلى ئىنقىلاب دەۋرىنى مەيدانغا چىقارغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سوتسىيالىست بىر دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلدى. ئەمما خىياللىرى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىدى. كوممۇنىست دەۋرىدە يۈز بەرگەن مۇۋاپپەقىيەتسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ماۋ زېدۇڭ سىياسەت مەيدانىدىن ئارقىغا چېكىندى. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزاقلاشقان خىتاي ئۆزگىرىشكە باشلىدى. 1978 ‏- يىلى خىتاي غەربكە ئىشكىنى ئاچتى ۋە ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى. 1980 ‏- يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادى ساھەسىدە ئىلگىرىلەش بولدى، ئەمما سىياسىي ساھەدە ھېچ ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇنىڭ ئىسپاتى 1989 ‏- يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ئىدى. مەيدانغا چىققان ئوقۇغۇچىلار ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپى قانلىق باستۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش مەيداندا چىڭ تۇردى. ھۆكۈمەت بېشىدىكى كوممۇنىست پارتىيىسى دىكتاتور تۇزۇمنى يۈرگۈزمەكتە. قارشى چىققان ھەرىكەتلەر كېچىكتۈرمەستىن باستۇرۇلماقتا.

ئۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە يەر بېرىلگەن بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى بولسا، خۇسۇسەن تاشقى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا. ئۇلارنىڭ بىرىنچى قاتارىدا دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر‏ ‏تۈركلەر ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى قارشىلىققا ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ تىبەتكە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا بەس ‏- مۇنازىرە داۋام قىلماقتا. تەيۋەن مەسىلىسىمۇ شۇنداق، خىتاي ھۆكۈمىتى 50 يىلدىن بىرى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ بۆلگۈنچى بىر رايونى دەپ قارىماقتا. مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان ۋەزىيەتتە تەيۋەننى ئىشغال قىلىش بىلەن تەھدىت سالماقتا. خىتاينىڭ پۈتكۈل بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىغا قاراپ يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتىن يىراق. ھەربىي ۋە ئىقتىسادى ساھەلەردە جاسارەتلىك قارارلار ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئوخشاش قارارلارنى سىياسى ساھەدە ئېلىشى بۈگۈنكى كۈندە مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنمەكتە.

فىلىمدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخي ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: جۇغراپىيە جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەپ تونۇلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان. ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەيدۇ. تارىختا بىر قانچە قېتىم دۆلەت قۇرۇلغان بۇ رايون 19 ‏- ۋە 20 ‏- ئەسىرلەردە خىتاي بىلەن رۇسىيە ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلىشقا شاھىد بولدى. 1878 ‏- يىلى خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بۇ دۆلەت يېڭى زېمىن مەنىسىنى ئىپادىلىگەن شىنجاڭ دېگەن ئىسىم بىلەن خىتاي ئىمپىراتۇرلۇقىغا باغلاندى. ئەڭ ئاخىرىدا 1944 ‏- يىلى قۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1949 ‏- يىلى خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ رايونغا كىرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پايتەختى ئۇرۇمچى، تۈرك تارىخلىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ چېگىرىسى ئىچىدە. قەشقەردە مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىلىرى بار. قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىشى يېڭىدىن دۇنيا كۈنتەرتىپىدە بەس ‏- مۇنازىرە قىلىنماقتا. بۇ رايوندا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە يەر ئاستى بايلىقلار كۆپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۈچۈن بۇ رايون ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. ئۇيغۇر تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئىشسىزلىق ۋە ئۆز تىلىدا دەرس ئوقۇشقا چەكلىمە قويۇلۇشى. خىتاي دائىرىلىرى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندىكى رادىكال ئېقىملارغا دىققەت قىلماقتا. گۈەنتانامۇ تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈركۈلىشىگە يول ئاچتى.

يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مەسئۇت ھەققى جاشىن ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى، خىتاينىڭ ماۋنىڭ قول ئاستىدا بىر دىكتاتور دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشى. تۈركىيە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىش قاتارلىق بىر قانچە مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى لازىم. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە مىنىستىرلىرىمىز بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋاتىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە تۈركىيە شەرتلەرنى ئۇيغۇن قويۇش لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ پ ك ك غا بولغان سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۈركىيە بۇنى تەلەپ قىلىش لازىم. يەنى خىتاي پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تونۇشى لازىم. ئەگەر بىز ئۇلار بىلەن باراۋەر ھەمكارلىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز، خىتاي قىبرىس مەسىلىسىدە تۈركىيىنى قوللىشى لازىم. شۇنى ئۇنۇتماسلىق لازىمكى، تۈركىيە گ 20 دۆلەتلەر ئەزاسى ۋە ناتۇ يەنى شىمالىي ئاتلانتېك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى. تۈركىيە دۇنيادا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان 10 دۆلەتنىڭ بىرى بولىدۇ. خىتاي مۇھىم بىر كۈچ، ئەمما تۈركىيىمۇ رايون خاراكتېرلىك بىر كۈچ. بۇ، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم زىيارەتلىرىدىن بىرى يەنى كەلگۈسى 10 يىل ئۈچۈن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسىمىز بۇ زىيارەتنىڭ ئارقىسىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىكەنمىز، خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ھالدا ھەمكارلىق ساھەلىرىدە ئىقتىسادى ۋە سىياسى مەيدانىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم.