تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سۆزلەشتى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن خىتايدا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغان تۈركىيىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىيېچى بىلەن ئۇچراشقان. بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان ئۇچرىشىش ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن.

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى "ھۈررىيەت" گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان "چاغلايان ئالاھىدە ۋەكىل سۈپىتىدە خىتايغا بېرىپ، خىتايغا 'ئادىل سوتلانسۇن' دېدى" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.

"ھۈررىيەت" گېزىتىنىڭ مەرۋە ئەردىل ئىسىملىك مۇخبىرى بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن بۇ خەۋىرىدە، زافەر چاغلاياننىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:"زافەر چاغلايان بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىزگە بىزنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قايتا مەيدانغا چىقماسلىقى ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىمىز ئۈرۈمچىگە بېرىپ ۋەقەنى نەق مەيداندىن كۆزدىن كۆچۈردى. تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۈسكۈل باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ."

"ھۈررىيەت" گېزىتىدە يېزىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىگە قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: "ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشتى دەپ ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئادىل سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدە 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى ،شۇڭا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم."

زافەر چاغلايان بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم تۈركىي مىللەت ھەمدە مۇسۇلمان بولغاچقا تۈركىيە ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېيىشكە تېگىشلىك پۈتۈن گەپ سۆزلەرنى دېگەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن پىكىرلەشكەنلىكى ،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاخمەت داۋۇت ئوغلىنىڭ كېلەر ئاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان ئەپەندى ئۆز سەپىرى ھەققىدە "ھۈررىيەت" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى مەرۋە ئەردىل خانىمغا مۇنداق دېگەن: "مەن بۇ قېتىم ئەگەر ئۆز ساھەم ھەققىدە خىتايغا كەلگەن بولسام خىتاي تىجارەت مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپلا كېتەتتىم، ئەمما تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن كەلگەنلىكىم ئۈچۈن خىتاي باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتىم. ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە بىزگە ئوخشىمايدىغان مەلۇماتلار كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات يوق. بۇنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ نەق مەيداندا كۆرمەكچى مەن، بۇ بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئېنىق بىلىشىمىز شەرت. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى؟ بۇنى بىز ئۈرۈمچىدە تەكشۈرمەكچى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كېلىڭلار، كۆرۈڭلار دەۋاتىدۇ."

بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدا ئېلىپ كېلەر؟ تۈركىيە دېگەندەك كېلەچەكتە ئۇيغۇرلار تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىيالامدۇ؟ بۇ ھەقتە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.