2009 ‏- يىلىدىكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

2009 ‏- يىلى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تۈركىيە ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى تاشقى دۇنيادىمۇ ئەڭ كۆپ بەس ‏- مۇنازىرە قىلىنغان ئىشلاردىن بىرى بولدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھگۈلنىڭ 6 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنىدىن 29 ‏- كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى، شۇنداقلا 14 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

"2009 ‏- يىلىدىكى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى"

تۈركىيىدە چىقىدىغان "زامان گېزىتى"نىڭ 2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنىدىكى سانىدا، "2009 ‏- يىلىدىكى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى، ۋە 5‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلەردە يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

ماقالە مۇنداق باشلانغان، "تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھگۈل، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن 25 ‏- ئىيۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بەزى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىمزالىشىش مۇراسىمىدا، ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش، تۈركىيە ‏- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ھەمكارلىشىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، قانۇنسىز يوللار بىلەن سودا - سېتىق قىلىشنى چەكلەش، تۈرك تېلېگراف ئىدارىسى، ئىش بانكىسى ۋە ئاق بانكا بىلەن خىتاينىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى ئۆز ئارا سودا ‏- تىجارەت ۋە قەرز مۇئامىلە قىلىش، ئاناتولىيە ئاخباراتى بىلەن شىنخۇا ئاخباراتى ئوتتۇرىسىدا رەسىم ۋە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئورتاقلىشىش كېلىشىملىرىدە ئىمزا ھاسىل قىلىندى.

"زامان" گېزىتىنىڭ شۇ ساندىكى ماقالىدا بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئابدۇللاھگۈلنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا چوڭ ھەجىمدە تەڭپۇڭسىزلىق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: "ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ‏- تىجارەتتە چوڭ ھەجىمدە تەڭپۇڭسىزلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىمەن. تەڭپۇڭسىزلىققا خاتىمە بېرىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك. خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە مىليارد دوللارلىق سەرمايىسى بار. خىتاي ئۆتكەن يىلى چەتئەللەردە 90 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان،. ئەمما خىتاي تۈركىيىگە سالغان مەبلەغ پەقەت 600 مىليون دوللار، بۇ ئىنتايىن ئاز. تۈركىيە خىتايغا سالغان مەبلەغلەر كۆپ مىقدارنى ئىگىلەيدۇ."

ئابدۇللاھگۈل خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇش، نېفىت قېزىش ساھەلەرگە قىزىققانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئابدۇللاھگۈل يەنە، تۈركىيىگە خىتايدىن پەقەت 60 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى، بۇ ساننى تېخىمۇ كۆپەيتىش يوللىرىنى تېپىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇللاھگۈل خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن.

ئۈرۈمچىگە بارغان تۇنجى جۇمھۇرىيەت رەئىسى بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئابدۇللاھگۈل، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە تۈركىيە

ماقالىدا يەنە، ئابدۇللاھگۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدىن كېيىنلا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: "ئابدۇللاھگۈلنىڭ زىيارىتىدىن بىر ھەپتە كېيىن 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاي ‏- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش پەيدا قىلدى. خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر زاۋۇتتا ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى ئۇيغۇر ئىشچى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە نامايىش ئېلىپ باردى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نامايىشتا 197 كىشى ئۆلگەن 1600 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلق بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش پەيدا قىلدى.

ماقالىدا يەنە، ئىككى دۆلەت ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دۆلەت ئارا ئېلىپ بارغان زىيارەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: "خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى سابىق ئەلچىسى سوڭ ئەيگو خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ، ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى. دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلىيان 28 ‏- ئاۋغۇستتىن 1 ‏- سېنتەبىردە خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋغا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغاننىڭ سۆزىنى يەتكۈزدى ۋە ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى. مىنىستىر چاغلىيان كېيىن 9 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنىدىن 27 ‏- كۈنىگىچە، ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يۇمشاشقا باشلىدى. تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال مەتىن ئاتاچ، 3 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنىدىن 24 ‏- كۈنىگىچە، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ھەسەن ئاكسوي11 ‏- ئاينىڭ 4‏-كۈنىدىن 8 ‏- كۈنىگىچە، سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ 4 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنىدىن 24 ‏- كۈنىگىچە، خىتاينى زىيارەت قىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ئىدى."

"خىتاي قىزىل ئارمىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى شۇ چېلىياڭ 4 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنىدىن 19 ‏- كۈنىگىچە، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ بوشاڭ، 5 ‏- ئاينىڭ 10‏ - كۈنىدىن 14 ‏- كۈنىگىچە، تۈركىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاي ھەربىي گېنېراللىرى بولدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇ 5 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنىدىن 27 ‏- كۈنىگىچە، سۇ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى چېنلى 3 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنىدىن 22 ‏- كۈنىگىچە دۇنيا سۇ مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرى شىې شۈرېن، 10 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن 6 ‏- كۈنىگىچە دۇنيا پۇل ‏- مۇئامىلە فوندىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىنى زىيارەت قىلدى."

"زامان گېزىتى" نىڭ 2009 ‏- يىللىق 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە پارلامېنتىدا 2009 ‏- يىلىدىكى مۇھىم ئىشلار ئاي، كۈنى بىلەن ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ئىشلارمۇ ئەنگە ئېلىنغان، بۇنىڭدا، 8 ‏- ئىيۇل كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىگە تەۋە تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سىراجىدىن كاراياغىز، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن تۈركىيە ‏- خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق گۇرۇپپىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى، 9 ‏- ئىيۇل "ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى"نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەدىبە سۆزەن تۈركىيە ‏- خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق گۇرۇپپىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى قاتارلىقلار تۈركىيە پارلامېنتىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

10 ‏- ئىيۇل، تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلدى. تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى زەفەر ئۈسكۈل، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ئەزالىرى خاتىرجەم بولسۇن، ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋام قىلىۋاتىمىز، ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدۇق، دېدى.

كېيىن 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، تۈركىيە ‏- خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق گۇرۇپپىدىن ئىستېپا بەرگەن تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 107 گە يەتتى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە يەنە، تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار جىددىي يىغىن ئاچقان. كومىتېت رەئىسى زەفەر ئۈسكۈل، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە قايتىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"زامان گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ۋەقەلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا 2009 ‏- يىللىق مۇھىم ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.