خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ 50 شىركىتىنىڭ خوجايىنلىرى تۈركىيىگە كەلمەكچى

تۈركىيە-خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ 50 شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى تۈركىيىدىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرماقچى.

0:00 / 0:00

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ 50 شىركەتنىڭ خوجايىنلىرى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيىگە كېلىدىكەن. تۈرك، خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتى باشلىقى مۇرات سۇڭگۇرلۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىكى 50 چوڭ شىركەتنىڭ خوجايىنلىرى ئىستانبۇلغا كېلىدىكەن. بۇ شىركەتلەر شەنشى ئىنشائات شىركىتى، خۇاۋېي شىركىتى، خىتاي ش د شىركەتلەر گۇرۇھى ۋە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرى ئىكەن. بۇ شىركەتلەر ئارىسىدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ 10 مەرمەر تاش شىركىتى بار ئىكەن.

بۇ شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى تۈركىيىدىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە-خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتى «يىپەك يولىنىڭ 21-ئەسىردىكى بۈيۈك ئۇچرىشىشى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىدىكەن.

يىغىن 6-ئاينىڭ 2-3-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان بولۇپ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ئالىي باباجان قىلىدىكەن. يىغىنغا تۈرك ۋە خىتاي شىركەتلىرىدىن بولۇپ 150 شىركەت قاتنىشىدىكەن. بۇ يىغىندا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيىدە مەبلەغ سېلىشى ۋە تۈرك شىركەتلىرى بىلەن خىتاي شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئورتاقلىقلار قۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مۇرات سۇڭگۇرلۇ ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ 2010-يىلى 10-ئايدا تۈركىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تۈركىيە، خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك كارخانىچىلارنى ئۈرۈمچىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە، خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېقىنلىشىش نېمىنىڭ بېشارىتى؟ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۈرك كارخانىچىلارنى ئۈرۈمچىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تىجارىي يېقىنلىشىش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈرك، خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتى باشلىقى مۇرات سۇڭگۇرلۇ ۋە تۈرك، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.