تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق بارغانسېرى زورايماقتا

تۈركىيە بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ تىجارىي مۇناسىۋىتى 1980 - يىللاردىن كېيىن كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 2007 - يىلىغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي سومما 14 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

0:00 / 0:00

خىتايلار ھەر يىلى تۈركىيىگە 13 مىليارد دوللار ئەتراپىدا مال سېتىۋاتقان بولۇپ، تۈركلەر خىتايلارغا پەقەتلا 1 مىليارد دوللار ئەتراپىدا مال ساتالىغان. 2007 - يىلىغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىق يۇقىرى پەللىگە يېتىپ كەلگەن. تۈرك ئىقتىساتشۇناسلار، يېقىنقى يىللاردا سۈپەتسىز ئەزان خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ كىرىشىنىڭ تۈرك سانائىتىگە پالاكەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، تۈرك مىللى سانائىتىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقلار ۋە بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچ، تۈركىيىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى TRT 2 قانىلىدا مەخسۇس مۇنازىرە قىلىندى. بۇ پروگرام خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىدىن نەق مەيداندىن بېرىلگەن بولۇپ، پروگراممىغا خىتاينىڭ تۈركىيە ئەلچىسى سۇن گۇئوشىئاڭ ۋە تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزىيى ئەپەندىلەر قاتناشتى. بۇ پروگراممىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقلار ۋە بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزىيى ئەپەندى تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:"تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېزلا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سېلىشتۇرىدىغان بولساق، 1999 - يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي سوممىمىز 600 مىليون دوللار ئىدى. 2007 - يىلىغا كەلگەندە بۇ رەقەم 14 مىليارد دوللارغا ئۇلاشتى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىتىمىز 8 يىل ئىچىدە جەمى 23 ھەسسە كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنىڭ قانچىلىك تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز."

تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزىيى ئەپەندى تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:"ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان بىر مەسىلىنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ خىتايلار بىلەن بولغان تىجارىتىمىزدە ناھايىتى چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق بار. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 14 مىليارد دوللار بولغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتايلار بىزگە 13 مىلياردلىق مال ساتقان، تۈركىيە خىتايغا پەقەتلا 1 مىليارد دوللارلىق مال ساتقان. 12 مىليارد دوللارلىق بىر تەڭپۇڭسىزلىق بار، بۇ تەڭپۇڭسىزلىق داۋاملىق ھالدا زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ."

بۈيۈك ئەلچى ئوكتاي ئۆزىيى ئەپەندى بۇ تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" بۇ تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق مۇشۇنداق داۋام قىلارمۇ؟ بۇنداق داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. ئەگەر بىز خىتايلارغا كۆپ مال ساتالىساق ھەل قىلالايمىز. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىكى خىتايلار بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆزارا تىجارىي ھەيئەتلەر زىيارەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي بىلەن تۈركىيە جۇغراپىيە جەھەتتىن بەكلا ئۇزاقتا. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت بىر بىرىنى تېخى يېڭى چۈشىنىشكە باشلىدى."

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇن گۇئو شىئاڭ 1980 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ سايىسىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنىڭ تېزلا تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى تۈركىيىنىڭ خىتايغا ساتقان مېلىدا كۆپىيىش بولدى. بۇرۇنقىغا قارىغاندا تەخمىنەن 50 پىرسەنت كۆپەيدى. بىز تۈرك ماللىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى خالايمىز، بىز بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك دوستلىرىمىزغا ئەگەر سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار باھا ۋە سۈپەت جەھەتتىن ياخشى بولسا، بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىنى ئەمەس تۈرك ماللىرىنى ئېلىشنى خالايمىز دېگەن ئىدۇق. بۇلاردىن باشقا ھەر يىلى 45 مىليون خىتاي ساياھەت ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىۋاتىدۇ، بۇ ساياھەتچىلەرنى تۈركىيىگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىشكە تىرىشىمىز."

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتتە بىر بىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، ناھايىتى زور تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرى 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي رەھبەرلەر بىلەن تۈرك ئالىي رەھبەرلەرنىڭ ئۆزارا زىيارەتلىرى ناھايىتى كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى.