تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟ (2)

تۈركىيە گۈنلۈگۈ يەنى تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى ناملىق ژورنال 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان نەشىر قىلغان ئىدى. ژۇرنالنىڭ مەخسۇس سانىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ماقالىلىرىدىن باشقا، مۇغلا ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ يازغان "تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.09.16
Turkiye-gunlugu-Uurmqi-sani-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﮔﯜﻧﻠﯜﮔﯜ" ﻳﻪﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى ماقالىسىدا تۈرك - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بېرىشكە تىرىشقان.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ "تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا، 1997 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىمەن دەپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇشقا باشلىغان مەزگىل دەپ ئالغان.

1997 - يىللاردىن باشلاپ خىتايلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىنى ياخشىلاشقا تىرىشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستانبۇل شەھەرلىك كۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما شەھەر باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىدۇ دەپ قارشى چىققان. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى تۈركىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى قوماندانى ئىسمائىل قارادايىنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بىلەن يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى جىئاڭ زېمىن ۋە خىتاي ئارمىيىسى باش شىتابى باش قوماندانى چى خائوتىئان بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە خىتايدىن قورال - ياراق ئېلىشى تەلەپ قىلغان.

دەل بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يائو كۇئاڭيى 1997 - يىلى 2 - ئايدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

دەل بۇ پەيتتە تۈركىيە مىللىي مۇداپىيە مىنىستىرى تۇرخان تايان ئەپەندى 1997 - يىلى 2 - ئايدا غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، خىتايلانى غۇلجا ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ باياناتىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركلەر بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ" تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟ " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ ۋەزىيەتنىڭ 1998 - يىلىغا كەلگەندە خىتايغا پايدىلىق ھالدا راۋاجلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

1998 - يىلى 5 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان تۈركىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجەۋىت خىتاي رەئىس جۇمھۇرى جىئاڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇچرىشىشتا خىتايلار تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا جاۋابەن بۈلەنت ئەجەۋىت خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 1999 - يىلى بۇ ھۆكۈمەت تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويىدىغان بىر ھۆججەت چۈشۈرگەن ئىدى. بۇ ھۆججەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ قاتناشماسلىقى بەلگىلەڭەن. 2000 - يىلى 4 - ئايدا جىئاڭ زېمىننىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆپ ساندا توختامنامە ئىمزالانغان.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىدە، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتايغا بەزى جەھەتلەردىن ئازراق يول قويغان بولسىمۇ، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ خىتايلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان:

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل جىئاڭ زېمىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، بىز خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇغقانچىلىقىمىز بار. بىز ئۇلارنىڭ باياشات ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆۋۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەن. خىتاي دۆلەت باشلىقى جىئاڭ زېمىن بۇ سۆزگە جاۋابەن، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تۈرك كارىخانىچىلىرىنى بۇ رايوندا سەرمايە ئەكىرىشكە چاقىرغان. ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇلمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى يەنىلا خىتايلارغا تاشلاپ بېرىلگەن.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ كېيىن يەنە تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە جانلىنىش پەيدا بولغان بولسىمۇ 2003 - يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بەشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

2001 - يىلى 1 - ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاڭ جىئاشۈئەن، 2002 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي باش مىنىستىرى زھۇ روڭجى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. 2001 - يىلى تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلدى. بۇ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. 2003 - يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ پارتىيىمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بۇ ھۆكۈمەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجە بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 2005 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي تۈرك مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىدىكى سەۋەپ نېمە؟ تېمىسىدىكى بۆلۈمىدە، تۈركىيىنىڭ 1997 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈركىيە خىتايدىن ئەزان باھادا قورال - ياراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسا خىتايغا مال سېتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ تۈركىيىنىڭ 1997 - يىلىدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىدىكى خاتالىقلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈركىيىنىڭ 1997 - يىلىدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىدىكى ئاساسىي خاتالىق، خىتاي بىلەن دوست بولىمەن دەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەل قارىشى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىپ ئۇ دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا زەربە بەرگەندەك، تۈركىيىگىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىپ تۇرۇپ، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇندى. ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈرك جامائەتچىلىكىگە سەل قارىغىلى بولمايتتى. 1952 - يىلى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋە مەمەت ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى 1850 شەرقىي تۈركىستانلىقنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە، ئۇ كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى تۈزەتمىگىچە تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.  

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە مەسىلىنىڭ نېگىزى ماۋزۇلۇق قىسمىدا مۇنداق دەپ يازغان:

1949 - يىلى خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن شەرقىي تۈركىستان، بۇرۇن خىتايغا قاراشلىق رايوندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بىر رايون ئىدى. ھەتتا 1933 ۋە 1944 - يىللىرى بۇ رايوندا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان نامىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئىدى. 1955 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمىغان. خىتاينىڭ 1949 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە بۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمايى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەمسىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئاساسىي مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرنىڭ ئېتىلىپ كېتىشى.
2. دىنى ئەركىنلىكنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىشى.
3. ئۇيغۇرلارغا خاس مىللى تارىخىي ئەسىر - ئەتىقىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى.
4. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئادالەتسىزلىك.

كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان تېزلا تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ باياناتلىرىغا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.