ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىپ بەزى ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى تارقاتتى ۋە 11 - ئاينىڭ 18 - 19 - كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ يېنىبوسنا رايونىدىكى پروفېسسور مۈمتاز تارخان ئىجتىمائى پەنلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا ئىككى مەيدان ئويۇن قويدى.
19 - نويابىر كۈنىدىكى كونسىرتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي باش كونسولى جاڭ چىڭياڭ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلىرىدىن ھال سوراش ئۈچۈن بۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆمەك بىلەن بىرگە كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۈكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى ۋۇ شيەن، مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلى قاتارلىق كىشىلەر، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسولخانىسىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش يىغىنى چاقىرغان. باش كونسول جاڭ چىڭياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار جەمئىيىتى باشلىقى سابىر بۇغدا، قازاق ۋەقپى مەسئۇللىرى، ۋە خىتاي كونسولىدىن ئوقۇش پۇلى ئالغىلى كەلگەن ئادىلجان ئابلەت باشچىلىقىدىكى ئاز ساندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.
خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسولى تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلى، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى تارقىتىش مۇراسىمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلغان. كېيىن ئوقۇش پۇلى ئالغان ئادىلجان ئابلەت ئەپەندى سۆز قىلىپ، « ئۇلۇغ ۋەتىنىمنىڭ بۇ غەمخورلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماي، تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇيمەن » دېگەن. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىنى باشلاپ، ياپونىيىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كېلىپ بەزى ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى تارقىتىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى 2010 - يىلى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى زالغا كىرگىلى قويمىغان ئىدى. ئەمما بۇ يىل ئۇيغۇرلار 500 كىشىلىك زالنى لىق تولدۇرۇپ، داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللاھ ئابدۇرېھىمن « ۋەتىنىم »، « زەرەپشان » دېگەن ناخشلىرىنى ئاڭلاپ ۋەتەن ھەسرىتى بىلەن كۆز يېشى تۆكتى. تاماشىبىنلار داڭلىق ئۇسسۇلچى ئامانگۈل سىدىقنىڭ ئۇسسۇلىنى گۈلدۇراس ئالقىشلار بىلەن كۆردى.
خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش سىياسىتىدىكى مەقسىتى نېمە؟ خىتاي بۇ سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېلىپ بارارمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00