تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان تۈركىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ناھايىتى قويۇق دىپلوماتىيە بېرىش - كېلىشى باشلاندى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدە بارلىققا كەلگەن زور جامائەت پىكرى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش" بىلەن ئەيىبلىشى، ۋەقە ياراتقان ئەكس سادانى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.05
Wen-jiabao-Erdogan-muxbirlarni-kutush-yighinida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﺳﯚﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
AFP Photo

ئەلۋەتتە تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيىدە بارلىققا كەلگەن خەلق ئاۋازىنىڭ بېسىمىغا باغلىغان بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەقەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىچە كۆتۈرۈپ چىقىش سۆزىدە تۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەردوغاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرىكىتى خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ، خىتاينى بىئارام قىلىشقا يېتىپ ئاشقان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىر مەھەل جىددىيلەشـتى. ئارقىدىنلا خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىگە ئارقا - ئارقىلاپ ھەيئەتلەرنى ئەۋەتىپ، تۈركىيىدە ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى. شۇندىن بېرى تۈركىيىگە كەلگەن خىتاي ھەيئەتلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيلا قالدى.

ئەنە شۇ دىپلوماتىك بېرىش - كېلىشلەر داۋامىدا ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىدە 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇ خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە كەلدى. تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەممىسى ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى باشلىۋەتتى. بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى ھەم خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا، ھەم ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى بىرلىكتە ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. رادىئومىزنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرى ئارسلان تەمىنلىگەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجە تۈرك ئەپەندىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار سۆزىدە بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان قايغۇلۇق بىر كۈن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ 61 يىلدىن بۇيان توختىماي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنىڭ ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
Wen-jyabaw-Turkiyide-qarshi-elinmidi-lozunka-qatil-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﺎ.
RFA Photo / Erkin Tarim

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈركىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزدى. 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلار قىزغىن ئىشتىراك قىلدى. شۇ كۈنى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدە نامايىش جەريانىدا غەزەپكە كەلگەن ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ ۋېن جياباۋنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلغا ئاياق ئاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ۋەقە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا "ئۇيغۇرلار خىتاي لىدېرىنى ئاياق بىلەن كۈتۈۋالدى" قاتارلىق تېمىلاردا يەر ئالدى.
Wen-jyabawgha-eltilghan-ayaq-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻧﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻍ.
www.worldbulletin.net

خىتاي باش مىنسىتىرى ۋېن جياباۋ ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى نامايىشلار 9 - چېسلا كۈنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتى.
Wen-jyabawgha-qarshi-Turkiyide-namayish-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەمىنلىگەن سىنئالغۇدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ زىيارەت قارارگاھلىرى بولغان بېشىكتاش، قارا كۆي ۋە ئاياسوفىيا مۇزىيىنىڭ ئالدى قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان.

نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ۋېن جىياباۋدىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى سورىشى كېرەكلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق تۈرك خەلقى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
Turkiye-Istanbulda-namayish-Wen-jyabaw-Siyit-Tumturk-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 ‏- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

ۋېن جىياباۋ تۈركىيىدىكى زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 8 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى. ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكىنى ئېلان قىلدى ئەمما ئىككى تەرەپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلسىىنى تىلغا ئالمىدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي مىنىستىر ۋېن جىياباۋ تېرورىزىمغا ئورتاق كۈرەش مەسىلسىنى ئېيتتى، ئەمما ئەردوغان پەقەتلا ئىقتىساد ئۈستىدە توختالدى. مۇتەخەىسسىسلەر بۇنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى. ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورىست قالپىقى كىيدۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىشتى.

خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيىدە "خىتاينى چۈشىنىش" پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋەكىلى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پەن گۇاڭ، خىتاي ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى باشلىقى جاڭ يۈيەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى باشلىقى جاڭ خەيبىن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

تۈرك مۇتەخەسىسلەردىن تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى، مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور جالالىدىن ياۋۇز ئەپەندى ت ئو ب ب ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسىدوكتور ئىھسان چوماق ئەپەندى ۋە شۇنداقلا ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە 21 - ئەسىر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى باھادىر قوچ ئەپەندىلەر قاتناشتى.
turksamda-uyghur-mesilisi-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئەنقەرەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىننىڭ ئاخىرىدا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ ھەقتە تۈرك مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا توختالغان بولسىمۇ، خىتايلار كۆپ پىكىر بايان قىلمىغان.

دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىجارىي جەھەتتىن رەقىپ بولۇش مەسىلىسىدىن باشقا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، خۇددى تاتارلار رۇسىيە بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. يىغىنغا كەلگەن خىتاي مۇتەخەسىسىلەر بولسا، ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمەي، بۇ مەسىلىنى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىدىكى "خىتاينى چۈشىنىش" پائالىيىتى رامكىسى ئاستىدا خىتاي مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىكى نامىدىكى ئۆمەكنى تەشكىللىگەن. ئۇلار ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان. ئويۇن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئارتىسلار بولسا قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.
Uyghurche-naxsha-izzet-ilyas-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ "ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ" ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
RFA Photo / Ekin Tarim

ئەمدى نۆۋەت تۈرك رەھبەرلىرىگە كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيە رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي خىتايغا يېتىپ كەلدى. ئارقىدىنلا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسى مۇرات مەرجان ۋە ئاخىرىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. يەنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا دېگۈدەك خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلىنىڭ زىيارىتى ئالدى بىلەن قەشقەردە باشلانغان بولۇپ، ئۇ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇلار ۋە تۈركلەرنىڭ قېرىنداش تۇغقان خەلق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى قەدەمدە بىر تەكىتلەپ ئۆتتى.
Ahmed-dawudoglu-turkiye-tashqi-ishlar-ministiri-qeshqerde-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﯗﺩﺋﻮﻏﻠﯘ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://www.worldbulletin.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئەھمەت داۋۇتئوغلى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ بېيجىڭدا خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۇ ئۇچرىشىشتا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ماكانى بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۈركلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەممىزگە مەلۇم بولغاندەك، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئەڭ ئاكتىپ بولغان دۆلەت. تۈركىيىدە "خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە يول قويماسلىق" نىڭ دائىرىسى نېمە ئىدى. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيىدىكى ئاساسىي قانۇن رامكىسى ئىچىدە ۋە دېموكراتىيىلىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشنىڭ ئوڭايغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
Ahmet-davutoglu-qeshqerde-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﯗﺩﺋﻮﻏﻠﯘ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
www.worldbulletin.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئۇچرىشىشدا شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى شىنجاڭنىڭ تېنچ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تەلەپ قىلىپ: " بىز تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانچىلار مەسىلىسىدىكى توغرا پوزىتسىيىسىنى تەغدىرلەيمىز ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەمكارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز " دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى. تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانچىلار مەسىلىسىدىكى توغرا پوزىتسىيىسى نېمىدىن ئىبارەت؟ شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرىگە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈرلۈك ئىقتىسادىي، مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاقىۋەتتە نۇربەكرىنىڭ ئەمەس، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويىدىغان - قويمايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بولسا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن، قىسمەن ھالدا مەدەنىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئازراق بولسىمۇ يېشىل چىراق ياقىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىسىتراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋاتئوغلىنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ ئەقىللىق بىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، "ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق يوسۇندا ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرىمىز" دېدى.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش، دىنداش بولۇشى ۋە ئىككى مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار تۈركىيىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلىپ كەلدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدە قوزغالغان قاتتىق جامائەت پىكرى، ئارىدىكى مۇساپىلەر قانچە ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى مىللەت ئارىسدىكى قېرىنداشلىق رىشتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ۋەقەدىن كېيىن بىر تۈرك لېدىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بېرىشى، ئورتاق تارىخىمىزنىڭ ئابىدىلىرىنى زىيارەت قىلىشى، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە جۈمە نامىزىنى ئوقۇشىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر خەلقىگە يېتەرلىك دەرىجىدە روھىي ئوزۇق بولدى دەپ مۇھاكىمە قىلىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.