خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋەكىلى شياۋ جېڭجۈن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش كاتىپى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 14 تە خىتاي باش ئەلچى ۋەكىلى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 1-كاتىپى شياۋ جېڭجۈن بىلەن كۆرۈشتى.

0:00 / 0:00

مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇستافا دەستىجى ئەپەندى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، خىتايلاردىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇستافا دەستەچى ئەپەندى مۇخبىرلارغا بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھۆرمەتلىك دوستلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بەكلا تەرەققىي قىلدى. بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئېزىلگەن بىر مىللەت بولسا، بۇلار ئىچىدە مۇسۇلمان تۈركلەر بولسا ئۇلارغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان م ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى. ئەگەر ئۇلار بېسىم ئاستىدا قالسا، مەسىلەن ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىسا بىز بۇ يەردە خاتىرجەم ياشىيالمايمىز. چوقۇم بىر ئىش قىلىش ئېھتىياجى ھېس قىلىمىز ۋە قىلىمىز. بىز ۋە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار شۇنى تەلەپ قىلىمىزكى، ئۇيغۇرلار بۆلگۈنچى ئەمەس، ئۇلار ئۆز زېمىنىدا ئانىسىدىن تۇغۇلغاندا ئىگە بولغان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە، ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تىلىنى قوغدىغان ھالدا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.»

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش سېكرېتارى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى خىتاي باش ئەلچى ۋەكىلى شياۋ جېڭجۈن بىلەن بىللە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ، خىتاي ئەلچى ۋەكىلى بىلەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىم. ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۇ رايون ھەققىدە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. ئۇ رايون يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق بەكلا ئېغىر. باي رايوندىكى ئىنسانلار كەمبەغەل ياشاۋاتىدۇ، بۇ رايوننىڭ ئىنسانلىرىنى ئېلىپ باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە دىنىي ئەركىنلىكى يوق، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بىر ۋەقەنىڭ قايتا مەيدانغا كېلىشىنى خالىمايمىز. بۇ بىر ئىنسانلىق جىنايىتى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تۈرك سىياسەتچىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز. بۈگۈن خىتاي ئەلچى ۋەكىلى شياۋ جۈنجېڭ ئەپەندى ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا ئۇيغۇر رايونىغا 650 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىمىز دېدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.»

كېيىن خىتاي باش ئەلچى ۋەكىلى شياۋ جېڭجۈن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مەن تۈركىيىگە كەلگىلى ئىككى يېرىم يىل بولدى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا تۈرك خەلقىنىڭ خىتايلارغا بولغان دوستلۇقىنى كۆردۈم. بۇ يىل تۈركىيە بىلەن خىتاي دىپلوماتىك دوستلۇق ئورناتقانلىقىغا 40 يىل بولدى. بۇ 40 يىل جەريانىدا بەزى ئەگرى-توقاي يوللارنىمۇ بېسىپ ئۆتتۇق. ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى بەزى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.»

باش ئەلچى ۋەكىلى شياۋ جېڭجۈن مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرىنى ئاڭلاڭلار.