جەمئىي 700 ئەتراپىدا شىركەت قاتنىشىدىغان توقۇمىچىلىق ماللىرى يەرمەنكىسى ئېچىلىدىغان ئىستانبۇل خەلقئارا يەرمەنكە زالىنىڭ 5-نومۇرلۇق بۆلۈمى خىتايلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە توقۇمىچىلىق كارخانىچىلىرى جەمئىيىتىگە ئەزا شىركەتلەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
توقۇمىچىلىق كارخانىچىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ يەرمەنكىگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان شىركەتلەردىن بىرى بولغان ئىستانبۇل يەرمەنكە خىزمەتلىرى شىركىتى خىتاي شىركەتلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان. ئەمما خىتاي شىركەتلىرى بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بۇرۇنلا توختامنامە تۈزگەن بولغاچقا، سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىمۇ بۇ ئىشقا ئارىلاشقان.
بۇ يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغان ك ن ر شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى جەيدا ئەرەم خانىم بۇ ھەقتە بۈگۈن خەۋەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا «بىز ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن توختامنامە تۈزۈپ، يەرمەنكە ئاچىدىغان بۆلۈملەرنى ئۇلارغا ئىجارىگە بەرگەن ئىدۇق. تۈرك شىركەتلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى» دېدى. جەيدا ئەرەم خانىم سۆزىدە يەنە، «تۈرك توقۇمىچىلىق شىركەتلىرى شاڭخەيدە يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ، خىتاي ھەقىقىتىنى كۆرۈشىمىز لازىم، خىتاي شىركەتلىرىنى يەرمەنكىلەردىن قوغلاپ چىقىرىش خىتاي خەۋپىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنداق قىلىپ خىتاينى قاچانغىچە توسۇۋالالايمىز؟» دېدى.
تۈركلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە بۇنداق نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي شىركەتلىرىنى يەرمەنكىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىق خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىنى توسۇۋالغىلى بولامدۇ؟ بۇ خىل جېدەللەر تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ۋە تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.