2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا تۈرك دۇنياسى يەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئىلغار ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تىبەت يۈجە تۈرك، ئورخان بوزكۇرت ۋە زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن، «شەرقىي تۈركىستاندىن ھىندىستانغا كۆچۈش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ھىندىستانغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ سەپەر قىلىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى ئاڭلاتتى. كېيىن مانىسا جەلال بايىر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەركۇل ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت سېستىملىرىنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلاتتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بولغان ئەھمىيىتى، سىياسىي ۋەزىيەتلەر ۋە ئىدارە باشقۇرۇش سېستىملىرى ۋە ئىدارە قىلغۇچىلار ھەققىدە توختالدى.

يىغىندا يەنە، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خادىمى دوكتور ئابدۇلھېمىت ئاۋشار ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيە ئالاھىدىلىكلىرى، ساياھەت رايونلىرى، مۇھىم شەھەرلىرى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىكى ۋە تۈركىيىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ۋە قەدىمىي بىر مۇسۇلمان يۇرتى بولۇش بىلەن بىرگە، تىجارەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتە كەلگۈسى پارلاق بىر ئۆلكە. تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتىن باشقا يەنە، تۈركىيە مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان كېلەچەكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىرىدىن بىرى. ئىستراتېگىيىلىك يەر ئاستى بايلىقلىرى تۈگەشكە باشلىغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئورنى، زاپاس يەر ئاستى بايلىقلارغا ئىگە، تارىختا تۈركىستان دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىياغا قالدى. ئامېرىكا، غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە رىقابەتلىشىشى بۇ جۇغراپىيىگە قارىتىلغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
ئابدۇلھېمىت ئاۋشار ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، تۈركىيىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ سۇنۇپ مۇنداق دېدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك رەھبەرلىرى تۈركىيىگە دەۋەت قىلىنىشى كېرەك ۋە شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر شەرقىي تۈركىستاننى كۆپلەپ زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئۆز-ئارا بىرلىكتە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان سەنئەتچىلىرى ھەر ئىككى تەرەپتە سەنئەت كۆرسىتىشكە، ئويۇن قويۇشقا تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدىكى رايونلارنى شەرقىي تۈركىستاندا تونۇتۇش كېرەك. ئۇ يەرلەرنى تۈركىيىدە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك. تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت قىلىش تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق يىغىن ۋە مۇنبەرلەردە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك ۋە ئۇ رايوننىڭ تارىخى، ئىقتىسادىي ۋە ساياھەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتى تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەك.
يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيىسى ئۈچۈن ئابدۇلھېمىت ئاۋشار ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولى » ناملىق تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 2-قىسمى كۆرسىتىلدى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىكىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە مەسئۇلى يۈرتەن بىجەرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۈرتەن بىجەرخانىم بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ۋە يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز تۈرك دۇنياسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەڭ بىر جۇغراپىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتىمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستان رايونى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتىمىز يوق، شۇ سەۋەبتىن بىز شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان تارىخى ۋە جۇغراپىيە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بىلىش ۋە بۇ يەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۇ يەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. چۈنكى بىز ئۇ يەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە قانچىلىك كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولالىساق، ئۇلارغا شۇنچە كۆپ ياردەم قىلالايمىز. شۇ سەۋەبتىن بىز بىر قاتار پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئالدىنقى قېتىمقى پروگراممىدا كافكازىيە رايونى ھەققىدە تەتقىقات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پروگرامما ئۇيۇشتۇردۇق، كېيىنكى پروگراممىدا بالقانلار، كافكازىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ھەققىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاننى ياخشى بىلمەيتتۇق، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولدى، بۇ بەك ياخشى يىغىن بولدى دەپ ئويلايمەن.
تۈرك دۇنياسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىكى 2003-يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ يوليورۇقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات بالقانلار، كافكازلار، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتكۈل تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئىچىدە پائالىيەت قىلىدۇ.