تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە ئۇيغۇر داستانلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

ئۇيغۇرلار تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە داۋام قىلماقتا. 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈركىيىنىڭ 3 - چوڭ شەھىرى بولغان ئىزمىردا ئالتاي تاغلىرىدىن تۇنا دەرياسىغىچە تۈرك داستانلىرى تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات يىغىنى چاقىرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.01.19
Dr.alimjan-inayet-305 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ 3 - ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﻣﯩﺮﺩﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻧﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﻓﯩﻜﺮﻩﺕ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىن ئىزمىر قوناق رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى مۇتەخەسسىسى پروف. در. مەتىن ئەكىچى ئەپەندى ۋە پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.

بۇ پائالىيەتنى تۈرك مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر داستانلىرى تېمىسىدا سۆز قىلغان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئابدۇراخمان خوجا، نوزۇگۇم ۋە سېيىت نوچى قاتارلىق داستانلاردىكى قەھرىمانلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان مۇجادىلىلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.