بۇ يىغىن ئىزمىر قوناق رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى مۇتەخەسسىسى پروف. در. مەتىن ئەكىچى ئەپەندى ۋە پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.
بۇ پائالىيەتنى تۈرك مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر داستانلىرى تېمىسىدا سۆز قىلغان.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئابدۇراخمان خوجا، نوزۇگۇم ۋە سېيىت نوچى قاتارلىق داستانلاردىكى قەھرىمانلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان مۇجادىلىلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.