كۆرگەزمە مەكتەپنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ھالىت قاراقوچ ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوسمان قۇبىلايگۇل باشچىلىقىدا ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتە 400 ئوقۇغۇچىدىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. بۇلارنىڭ پائالىيىتى سىۋاستىكى مەتبۇئاتلاردا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغان بولۇپ. بۇ مەكتەپتە ۋە سىۋاس ۋىلايىتىدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى باشلانغان.
بۇلاردىن باشقا ، سىۋاس يېڭى شەھەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا خەت يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ياخشى يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتلىرى تام گېزىتىگە چاپلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنغان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوسمان قۇبىلايگۇل ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ ئالدى بىلەن بىزگە بۇ پائالىيەتنى قانداق باشلاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: " بىز 400 كىشى ئالدى بىلەن بىرەر پارچىدىن خەت يېزىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتۇق. ئوقۇغۇچىلار مەندىن بۇ خەتنى ئەۋەتسەك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تېگەمدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن تەگسە - تەگمىسە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە ئورتاق بولۇش ئۈچۈن خەت يېزىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. بىز 400 ئوقۇغۇچى ئىچىدىن

سالام خەتنى ياخشى يازغانلارنىڭ خېتىنى تاللاپ چىقىپ بۇ خەتلەرنى مەكتەپتىكى تام گېزىتىگە چاپلىدۇق. مەكتىپىمىزدە لەپىلدەپ تۇرغان چوڭ تۈرك بايرىقىنىڭ يېنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئاستۇق. ئاستىغا ئىككى بايراق بىر مىللەت دېگەن خەتنى يازدۇق. مەكتىپىمىزدە بۇ بايراقنىڭ يېنىغا بىر بۆلمە ئېچىپ ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان زۇلۇملىرىنى، تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نەشر قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى كۆرگەزمە قىلدۇق. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىمۇ كۆرگەزمە قىلدۇق."
بۇ كۆرگەزمىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى قانداق بولدى دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئوسمان قۇبىلايگۈل ئەپەندى مۇنداق دېدى: "مەكتىپىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگەزمىدىن ئۇزاقلاشتۇرالمىدۇق. قەستەن بايراقلارنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان دەپ يازمىدۇق. ئۇ يەرگە ئىككى بايراق بىر مىللەت دەپ يېزىشىمىزدىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاش ئىدى. راستىنلا بۇ بايراقنى كۆرگەنلا ئوقۇغۇچى `مۇئەللىم بۇ قايسى دۆلەتنىڭ بايرىقى دەپ سورىدى`. بۇنىڭغا جاۋابەن ئوقۇغۇچىلارغا كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلگەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇڭلار دېدۇق. ئۇلار باشتىن ئاخىر قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتى. بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغانلار بىزنىڭ سىۋاس يېڭى شەھەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. باشقا مەكتەپلەردىنمۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۆرگەزمىنى كۆرۈپ بىزگە رەھمەت ئېيتىشتى. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار بىز ئۇيغۇرلارنى بىلەتتۇق، ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتۇق دېيىشتى. بۇ كۆرگەزمە سىۋاستىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ كۆلەمدە يەر ئالدى. ژورنالىستلار مەكتىپىمىزگە كېلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى سورىدى. بۇ خەۋەرگە سىۋاسنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن ھۇر دوغان گېزىتى، ھۇر سىۋاس گېزىتى، بىزىم سىۋاس ۋە مەملەكەتىم سىۋاس قاتارلىق گېزىتلەردە رەسىملەر بىلەن يەر بېرىلدى. مۇخبىرلار مەكتىپىمىزگە كېلىپ بۇ كۆرگەزمىنى ئايلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئاللار سورىدى."
مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئوقۇغۇچىلار قانداق جاۋاب بەردى؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئوسمان قۇبىلايگۈل ئەپەندى مۇنداق دېدى: "ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا گەپ قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما پەقەتلا 4 كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ 4 ئوقۇغۇچى مۇخبىرلارغا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارغا كۆڭۈللىرىنىڭ قاتتىق يېرىم بولۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئاڭلاتتى. بىزنىڭ مەكتەپتە خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق دولقۇنى قوزغاتقان ئىدۇق. ئوقۇغۇچىلار گېزىتلەر ئارقىلىق پۈتۈن سىۋاس خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىردى. 1980 - يىلى موسكۋادا ئېچىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تۈركىيىنىڭ بايقۇت قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى دېدى. بۇنداق قىلغاندىلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارانىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى."
سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنسىز؟ تۈركىيىدىكى دەرس كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر يېزىلغان؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئوسمان قۇبىلايگۈل ئەپەندى مۇنداق دېدى: "بۇرۇنقى دەرسلىك كىتابلىرىمىزدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق ئىدى. ئەمما ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 4 يىللىق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ، ھازىرقى زامان تۈرك دۇنياسى دەپ دەرسىمىز بار. بۇ دەرسىنىڭ دەرسلىك كىتابى تېخى نەشردىن چىقمىدى، بۇ كىتابنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلگەن. تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز مەزگىلى بولغان 1860 - يىللاردا ئوسمانلى پادىشاھى ئابدۇلئەزىزخان شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلغان، شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشى كېرەك. بىز تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان سىۋاستا ئاكتىپ ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز."
سىۋاس يېڭى شەھەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوسمان قۇبىلايگۇل ئەپەندى تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خەلقىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقمايدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتى يوق. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىمىز تۈرك خەلقىغە يېتەرلىك دەرىجىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتالماسلىق. جۇغراپىيە جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر يەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپلا قالماستىن، ئۇ يەردە كىملەر ياشايدۇ، ئۇلار قانداق ياشايدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى قانداق؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. بۇنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتەلەيدىغان يەر مەكتەپلەر. بىز مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا خەرىتىدىن شەرقىي تۈركىستاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن باشقا، مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك كۆرگەزمىلەرنىمۇ ئېچىپ ئاڭلىتىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاننى ئەڭ ياخشى ئاڭلىتالايدىغان كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلار. بىز سىۋاستىكى پۈتۈن تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلىتىشقا قارار بەردۇق. بىز ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن دوستلۇق قۇرۇشنى خالايمىز، شۇڭا بىزنى ئاڭلىغان كىشىلەر بىز بىلەن ئالاقە قۇرسا بولىدۇ. سىۋاس يېڭى شەھەر لىسەسىگە تېگىدۇ دەپ بىزگە خەت يازسا بولىدۇ."