تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئاچتى

يېقىندىن بويان تۈركىيىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا باشلىدى.

2009 ‏- يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر نىجاتى جەيلان قاتارلىق فوندنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە يىغىن ئاچتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلدى.

يىغىندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ مەركىزىدە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئېچلىغان 2‏‏ - قېتىملىق ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىك يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە 26 - ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ياش قىزلىرىنى يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندا پەيزىۋات ناھىيىسىدىن 189 ئۇيغۇر قىزنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە 26 ‏- ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوغۇل ‏ - قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت خاتا سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا بەس ‏ - مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىشلاردىن كېيىن بىر قانچە خىل قارارلار ئېلىندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خىتاي ماللىرىنىڭ ساختا ۋە ئىنسانلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى شەرقىي تۈركسىتان توغرىلىق يولغا قويۇلغان 36 ‏- نومۇرلۇق مەخپى ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھازىرقى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق قارارلار ئېلىنغان.

‏ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان 36 ‏- نومۇر مەخپىي ھۆججەتتە، تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىشنى چەكلەش، دۆلەت مەمۇرىي كادىرلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بۇ ھۆججەت ماقۇللانغان بولسىمۇ، تولۇق ئىجرا قىلىنمىغان ۋە كۈچكە ئىگە بولمىغان.

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى ئىنسانلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم ياشىشى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىشىشى، تەلىم ‏ - تەربىيە، مەدەنىيەت، سىياسەت، ساغلىق، مۇھىت ۋە تارىخقا ئوخشاش ئىنسانلارغا ئالاقىدار ئىجتىمائىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان فوند. بۇ فوند، ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە 1995 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ فۇندقا ھازىرغىچە 105 فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزاغا بولغان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ 2007 ‏ - يىلى ‏ئەزا بولغاندىن بۇيان بۇ فوندنىڭ يىغىن، مۇراسىم، ئىش ‏ - پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە.