ئۇيغۇر قىزى ئەسەر ساقا خانىم بىلەن سۆھبەت

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ جايلىشىشى بەكلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ كىشىلەر تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر، تۈركىستانلى، قەشقەرلى، ئارتۇش، غۇلجا ۋە تۇرپان دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى ئۆزلىرىگە فامىلە قىلىپ ئالغان. بۇ خىل فامىلىلىك كىشىلەردىن سورىسىڭىز ، ئۇلارنىڭ تېگىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى.

بۇلاردىن بىرى 1940 - يىللاردا 12 ، 13 ياشلاردا تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى بىر ئىدارىدا ئىشلەپ، 1994 - يىلى ۋاپات بولغان ناسىھ تۈركىستانلىدۇر.

بىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان قىزى ئەسەر ساقا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ، دادىسى ناسىھ ئەپەندىنىڭ ئاكىسى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇكىسىنىڭ بېشىغىمۇ ئاكىسىنىڭكىگە ئوخشاش ئاقىۋەت كەلمىسۇن دەپ، 13 ياشتىلا تۈركىيىگە ئەۋەتىۋەتكەن ئىكەن. ئۇ تۈركىيىدە ئوقۇپ دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، كىچىكلىكىدىكى ئۇ قورقۇش تېخىچە تۈگىمىگەچكە ، ۋەتەنگە قايتىپ ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىنى تېپىشقىمۇ جاسارەت قىلالمىغان.

ناسىھ تۈركىستانلىنىڭ قىزى ئەسەر ساقا خانىم ھازىر تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىر ئىدارىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كىتاب ، ماقالىلەرنى يېزىپ ، تور بەتلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. ئەسەر ساقا خانىمنىڭ ئائىلە تور بېتىنىڭ ئادرىسى:

http://eserinmutfagi.gen.trOpens in new window ]

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئەسەر ساقا خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.