تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

نورۇز بايرىمى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي مىللىي بايرىمى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىي مىللەتلەر 2000 يىلدىن بېرى تەبرىكلەپ كەلمەكتە ئىكەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 1991 - يىلىدىن بېرى ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ئىلىم ئادەملىرى ۋە سەنئەتچىلەرنى تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ بايرام تۈركىيىدە 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە تەبرىكلىنىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋە 22 - كۈنى ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت رەسمىي تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.

خەلقئارالىق بۇ پائالىيەتلەردە قازاقىستان، ئازەربەيجان، تۈركمەنىستان، تاتارىستان، باشقۇردىستان ۋە سىبىرىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن ئىلىم ئادەملىرى قاتناشتى ۋە ئۆز مىللەتلىرىدىكى نورۇزنى ئاڭلاتتى. كېيىن چىدىر قۇرۇپ ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇيغۇرلارمۇ بۇنى پۇرسەت بىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

بۇ ھەقتە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.