قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى تۈركلەردىن بولۇپ، 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن ئۈرۈمچىدە شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان كېرىم ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
يىغىنغا تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قەيسەرى شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئەرگۈن سەزەن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، سۆزىدە يىغىننىڭ ئىسمىنى "ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى" دەپ قويۇشنىڭ توغرا بولمىغانلىقى، چۈنكى، تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ھېچقاچان ئۇنۇتمىغانلىقى ۋە ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى مەزلۇملار جەمئىيىتى قەيسەرى شۆبىسى باشلىقى ئاخمەت تاش ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز مەزلۇملار جەمئىيىتى قەيەردە ئېزىلگەن، يەنى زۇلۇم چېكىۋاتقان ئىنسان بولسا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بىر تەشكىلات. شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى بار. خىتاي بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۆلتۈرۈلدى. بۈگۈنگىچە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى قاماپتۇ. بىز ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئىز - دېرىكى يوق بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. بىز بۇلارنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى قەيسەرىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتۇق. 10 كۈن داۋام قىلغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى 10 كۈن ئىچىدە 10 مىڭ ئىنسان زىيارەت قىلدى. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىغىنىمىزغا كۆپ ساندا ژورنالىستلارمۇ كەپتۇ."
ئېچىلىش نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەزلۇملار جەمئىيىتى باشلىقى سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى" تېمىسىدا، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا سۆز قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلەتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شېھىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ھۆكۈمىتىنى تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ساھىب چىقىشقا چاقىردى. كېيىن، مەزلۇملار جەمئىيىتى باشلىقى سابىق پارلامېنت ئەزاسى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن بىلىنگەنلىكىنى، ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار دېموكراتىك خىتايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئانچە كۆپ پايدىسى يوق. خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى دېموكرات خىتايلارغا ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى ياخشى ئاڭلىتىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىزلىققە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خىتاي خەلقىغىمۇ ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك."
فارۇق ئۈنسال ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىر ياقتىن باش چىقىرىپ، قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، سىستېمىلىق ھالدا ئۆز داۋاسىنى ئېلىپ بارسا كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئىتتىپاق بولمىسا كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ."
سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەزلۇملار جەمئىيىتى باشلىقى فارۇق ئۈنسال ئەپەندى خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش يوللىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك. خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ھەققىدە قارار ماقۇللاپ خىتاينى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىش كېرەك. بۇلاردىن باشقا تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى ئاڭلاتساق تۈرك خەلقى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلەتسە ھۆكۈمىتىمىز خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەقلىق داۋا، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلارنىڭ بەزى بۆھتانلىرىدىن قورقماسلىق كېرەك."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.