بۇ يىغىندا ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۇق مۇئاۋىن باشلىقى، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ھەم بۈگۈنكى ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلم كۆرسىتىلدى.
كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە، بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە 12 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرىدىن، بولۇپمۇ تەربىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى .
ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سېيىت تۈمتۈرككە بەسبەس بىلەن سوئال قويۇشتى. بۇ يىغىن ئانتالىيە ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو - ئاسىيا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە بۈگۈندىن باشلاپ تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە لېكسىيە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزنى رابىيە خانىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايسىلەر.