تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى خۇشال - خورام ھالدا ئۆتكۈزمەكتە

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان مۇقەددەس قۇربان ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بويىچە كۆڭۈللۈك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - ‏تۇغقان ۋە دوست ‏ - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللاھتـىن شادلىق تىلەش بىلەن بىرگە، قۇربانلىق سويۇپ يوقسۇللارغا تارقىتىش ۋە بىر - بىرى بىلەن ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھال ‏ - ئەھۋال سوراش، ئۆز - ئارا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.11.16
ankarada-namaz-abdulla-gul-we-dawutoghlu-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﻫﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﮔﯜﻝ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﯗﺗﺌﻮﻏﻠﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى خۇشاللىقتۇر. بۈگۈن، تۈركىيىدىكى 73 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزمەكتە. ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بۇ قۇربان ھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.