ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ئىپتار تامىقى بەردى

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەردە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بايلار، مەشھۇر سەنئەتچىلەر نۆۋەت بىلەن كىشىلەرگە ئىپتار تامىقى بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر بايلارمۇ ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىپتار بېرىدۇ. بۇ ئىپتار سورۇنلىرىدا قۇرئانى كەرىم ئوقۇلىدۇ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىتى ھەم ۋەتىنى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا دۇئا قىلىنىدۇ.

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۆبىسى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىپتار تامىقى بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.