تۈركلەرنىڭ ئىپتار چېدىرلىرى ئامېرىكىغىچە يېتىپ باردى

تۈركىيە غەربىي ئاسىياغا جايلاشقان 73 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بولۇپ، تارىختىن بۇيان ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.10
Turkiyede-iftar-105.jpg ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺟﺎﺗﻪﭘﻪ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %99  مۇسۇلمان. دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىلغان ياۋرۇپا ئۆلچىمىدە بىر دېموكراتىيە ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىلغار دۆلەت. ئىسلام دىنى تۈركلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈركلەرنىڭ بىر مەدەنىي كىملىكىدۇر.

شۇنداقلا دىن تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئىتتىپاقلىقنى، ئۆزارا ھەمكارلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەردىن بىرىدۇر. بولۇپمۇ روزى ھېيت مەزگىلىدە يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، ئۆزارا ھەمكارلىشىش مەقسىدى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىپتار چېدىرلىرى قۇرۇلىدۇ. ھەر كۈن ئون مىڭلارچە مۇسۇلمان بۇ چېدىرلاردا ئىپتار قىلىپ ئىپتار بەرگەن ئىدارە جەمىيەت ۋە شەخسلەرگە دۇئا قىلىشىدۇ.

يىللاردىن بېرى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە قۇرۇلغان ئىپتار چېدىرلىرى بۇ قېتىمقى روزىدا ئامېرىكىغىمۇ يېتىپ بارغان. ستار گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مىللىي ۋاي مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم نېۋ جېرسېي، كلىفتون باغچىسىدا قۇرۇلغان ئىپتار چېدىرىدا ھەر كۈنى مىڭلارچە تۈرك ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلار ئىپتار قىلىۋاتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە تۈركىيىدە ئىپتار چېدىرىدا ئىپتار قىلىپ باقمىغان تۈركلەرمۇ ئامېرىكىدا ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ھەسرىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئىپتار قىلىۋاتقان ئىكەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، باي كىشىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يۈزمىڭلارچە دوللار خەجلەپ ئىپتار تامىقى تارقىتىۋاتقان كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇپ ئۆز پۇلى بىلەن ئىپتار قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق رۇخسەت بەرمەيۋاتىدۇ. بىز تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان قوجاتەپە جامىسىگە بېرىپ، بۇ يەردە ئىپتار قىلىۋاتقان تۈركلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى بىلىدىكەن. بىز سۆھبەت ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.