ھەر يىلىدىكىدەك بۇ يىلمۇ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا 1933-يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى بىلەن 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى خاتىرىلەندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە باشلىقى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش نازىرى ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم، جەمئىيەتنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزغان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى تەشكىلاتى باشلىقى تۇرغۇت ئەپەندى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروف. در. نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى، تارىخچى پروف. در. گۈلچىن چاندارلى خانىم ۋە ئىستاندۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلۈپ، قۇرئانى كېرىم ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپ تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى قىلدى. ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلەرنى مىننەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت نۇتقىدا، بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تارىختىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ئېيتتى.
12-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە در. ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قانداق قۇرۇلۇپ قانداق يوق بولدى؟ تېمىسىدا، تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تېمىسىدا سۆز قىلدى.