مېھمانخانا ئىچىدە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە يىغىن ، سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

18 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرە خىلتون مېھمانخانىسىدا تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى بىرلىكتە "خەلقئارالىق سىستېما يېڭىدىن ئورنىتىلىۋاتقان كۈنىمىزدىكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى" ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.20
enqere-xitay-turkiye-yighini-1020-2010-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 18 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ "ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا تۈركىيىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خادىمى فاتىھ جەيلان، خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور قامەر قاسىم ، خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور سەلچۇق چولاقوغلى، تۇرغۇت ئۆزال ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رامازان تاش ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور باھادىر پەخلىۋانتۈرك قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلدى.
 
خىتاي تەرەپتىن بولسا، خىتاي باش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جوڭۋېي ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گوڭ شىياۋ شېڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پەن گۇئاڭ، خىتاي ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى جاڭ يۈيەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات باشلىقى جاڭ خەيبىن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
enqere-xitay-turkiye-yighinigha-qarshi-namayish-1020-2010-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 18 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ "ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 1971 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە مەدەنىي - مائارىپ مۇناسىۋەتلىرى ھەم بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھېچقانداق مۇتەخەسسىس تىلغا ئالمىدى. ئەمما، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پەن گۇئاڭ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئورتاق شىركەتلەر قۇرۇشى، ساياھەت، ئېنېرگىيە سودىسىدا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتىمۇ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، سۆزىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتايغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
   
يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا نامايىشچى، يىغىن ئېچىلىۋاتقان مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدا كۆك بايراق، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملەرنى كۆتۈرىۋالغان ھالدا، "شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ بىلەمسىز؟" دېگەن تېمىدىكى باغاقچىنى تارقاتتى. يىغىن تۈرك ساقچىلارنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا ئېچىلدى.
   
بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت تىلغا ئېلىنماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ يىغىندىن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن نېمىلەرنى چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق ھەمكارلىشالايدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىۋاتقان ھايرۇللاھ ئەپەندى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆزلەشتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.