تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى كۆپ

تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان يېرىم ئارىلى، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ياۋروپا ھەمدە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قاتارلىق رايون، قىتئە ھەم دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ھەم مەدەنىيەت ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق، كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، بۇ پىلاننى ئىزچىل تۈردە ئورۇنداپ كەلمەكتە.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇشىنى قوللىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى قويغان.

turkiy-millet-oqughuchilarning-oqush-puttirush-murasimi2-385.jpg
turkiy-millet-oqughuchilarning-oqush-puttirush-murasimi2-385.jpg

تۈركىيىدىكى ئوقۇشقا جۇڭگودىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئېنىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. ئەخلاقى-پەزىلىتى

تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرىشچان، غايىلىك ۋە توغرا دۇنيا كۆز قارىشىغا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالار ياشلىرىدىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. كىملىكتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالار مىللىتى دەپ يېزىلغان بولۇشى كېرەك

سالاھىيەت كىملىكى بولۇشى ۋە سالاھىيەت كىملىكىدە مىللىتى چوقۇم ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالار دەپ ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك.

3. پاسپورت

پاسپورت بېجىرگەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر پاسپورت بېجىرمىگەن بولسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇپ، 3-ئايدىن بۇرۇن بېجىرىپ بولۇپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ يېشى 22 دىن، ماگىستىرلىقتا (ئاسپىرانتلىقتا) ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 27 دىن، دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 32 دىن ئاشمىغان بولۇشى كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئوقۇغۇچى تاللاش كومىتېتى مەسئۇلى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى پاسپورتى يوق ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىدۇ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«پاسپورت ئېلىش ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇنى ھوقۇقى. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، پاسپورت ئېلىۋېلىش ناھايىتى پايدىلىق. تەكلىپنامە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاۋۋال سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنىپ، پەقەت ئامال بولمىسا، تۈركىيىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل بۆلۈمىدىن تەكلىپنامە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەكتەپلەر بۇ تەكلىپنامىگە 100 دوللار ئەتراپىدا تەلەپ قىلىدۇ.»

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇرلارغا 50 سان بەرگەن بولۇپ بۇلاردىن 40 ئوقۇغۇچى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش پۇلى، 10 ئوقۇغۇچى بولسا ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇش ئۈچۈن دۆلەتتىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۆز ئىمكانلىرى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.