تۈركىيىدە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇشقا قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك؟

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى ھەققىدە ۋە تۈركىيىنىڭ 1992-يىلىدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پايدىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇش، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇشقا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇشتىن باشقا يەنە قايسى ئوقۇش يوللىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىپى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇش نەتىجىسى، سەۋىيە كىنىشكىسى، دىپلوم ۋە ئۇنۋان ھەم باشقىلار كېرەك.

ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرستا ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر كېرەك:

1) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلوم كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ۋە ئۇنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇشى كېرەك.

ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار تۇلۇق ئوتتۇرا دىپلومىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئىلتىماسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلوم بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتمىسىنى ئىنتېرنېت كۆچۈرمىسى بىلەن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇشى كېرەك.

خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3 پەندىن ب، باشقا پەنلەردىن ئا بۆلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باغلىق. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرىنى يوللاپ بېرىش كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ شۇ يىللىق 2-تۈركۈم نومۇر سىزىقىدىن يۇقىرى بۆلىشى كېرەك. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىلىرىگە باغلىق.

تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسى 4+2 يىل بولۇپ، تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە، بىر يىل ئىنگلىزچە تىل ئۆگىنىپ، تىل ئىمتىھانلىرىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ.

ماگىستىرلىق (ئاسپىرانتلىق)تا ئوقۇش ئۈچۈن مۇنداق شەرتلەر كېرەك:

1) ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈش دىپلومى ۋە دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بولۇشى كېرەك.

ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار دىپلوم بىلەن ئۇنۋاننى 7-ئايدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلوم ۋە ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتمىسىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن دەرسلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك.

ئەگەر شۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا 3 يېرىم يىللىق ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك. گپا=2.8(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 70 بۆلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلىدىن 4-دەرىجە ياكى 6-دەرىجە (كەت-4،-6) سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە ماگىستىرلىق 1+2 يىل. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمىي قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ( توفېل ياكى ئىئەلتس) بولسا، بىر يىل ئىنگلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن مۇنداق شەرتلەر كېرەك:

1) ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە ئۇنۋانى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى ياكى جامائەت گۇۋاھلىق ئورگانلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك.

2) ماگىستىرلىق ئوقۇشىدىكى دەرس نەتىجىسى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا دىپلومىنى ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى 6-ياكى 7-ئايدا ئالغاندىن كېيىن تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

گپا=3.0 (ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 75 بۆلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزچىدىن 6- دەرىجە (كەت-6) سەۋىيە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى 3 يىلدىن 6 يىلغىچە. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمىي قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى (توفېل ياكى ئىئەلتس) بولسا، بىر يىل ئىنگلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى ئاز ئالىدۇ.ئادەتتە تۈركىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىدا، تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى ھەسسىلەپ ئالىدۇ، ئەمما تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى 50 ئوقۇغۇچىغا تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشكە ياردەمدە بولالايمىز. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىر يىللىق ئەڭ ئاز 250 دوللاردىن، ئەڭ كۆپ 500 دوللارغىچە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققا كىرەلىگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىدىكى فوندى جەمئىيەتلەردىن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.

ھەر يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدۇ ۋە ئايدا ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ.

تۈركىيە ۋىزىسى توغرىسىدا:

تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلىدۇ.