بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بويىچە كۆڭۈللۈك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئوقۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللادىن شاتلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر بىرى بىلەن ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھال ئەھۋال سوراش، ئۆز ئارا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.
بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى خوشاللىقتۇر. بۈگۈن يەنى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈركىيىدىكى 73 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا قۇربان ھېيتى باشلىۋەتتى.
تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار بۈگۈن ئەتىگەن قۇربان ھېيت نامىزىنى قىلغاندىن كېيىن ئاتا - ئانا ۋە يېقىنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ قىرائەت ئوقۇغاندىن كېيىن قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، بىر بىرى بىلەن ھېيتلىشىشقا باشلىدى.
قۇربان ھېيتتا تۈركىيىدە 9 كۈن تەتىل بولۇپ، بۇ 9 كۈن جەريانىدا ئاچلار تويىدۇ، ۋاپات بولغانلار خاتىرىلىنىدۇ، چوڭلارنىڭ قولىغا، كىچىكلەرنىڭ ماڭلىيىغا سۆيۈلىدۇ، كىچىكلەرگە بايراملىق پۇل بېرىلىدۇ، قىسقىسى قۇربان ھېيت ھەممە ئىنسان خۇشاللىققا چۆمىدىغان بىر ئاي. ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاش ئۇيغۇرلار بۇ قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى؟ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.