تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %99 مۇسۇلمان ، دىن بىلەن سىياسەت بىر - بىرىدىن ئايرىلغان ياۋرۇپا ئۆلچىمىدە دېموكراتىيە ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىلغار بىر دۆلەت. رامىزان ئېيىدا روزى تۇتۇش ۋە تۇتماسلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. روزى ئېيى تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەرىكەت ئېيى ، توقلۇق ، موللۇق ئېيى دېمەكتۇر.
30 كۈن روزا بۇيىچە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، بايلار، مەشھۇر سەنئەتچىلەر نۆۋەت بىلەن كىشىلەرگە ئىپتار تامىقى بېرىدۇ. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر بايلارمۇ قەيسىرىدىكى تەشكىلات مەركىزىدە ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىپتار بەرمەكتە. بۇ ئىپتار سورۇنلىرىدا ھەر كۈنى مىڭلارچە ئۇيغۇر ئىپتار قىلماقتا. بۇ ئىپتار سورۇنلىرىدا قۇرئان كېرىم ئوقۇلماقتا .
ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا دۇئالار قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتار سورۇنلىرىدا دىققىتىمىزنى تارتقان يەنە بىر نەرسە ، پېشقەدەم ئۇيغۇرلار تۈركىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئەنئەنىلىرىدىن تەلىماتلار بەرمەكتە. بۇلاردىن باشقا بۇ ئىپتار سورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلىنغان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ، ئىلىم ئادەملىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيىلەر بەرمەكتە.
بىز ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىدۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سېلىڭلار.