بۇ كۈن ھەر يىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئاڭلىتىلماقتا.
ئۇيغۇر زىيالىسى كامىلجان ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان `بۈگۈن` ناملىق ماقالىسىدا 20 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار قۇرغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۈگۈن - ئېتىقاد چۈشەنچىمىزنىڭ ۋە مىللىي تارىخىمىزنىڭ مېراجى يارىتىلغان بىر كۈن. بۈگۈن - دۇنيا تارىخىدا ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئىككى قېتىم قۇرغان بىر كۈن. بىز مۇشۇ بۈگۈنىمىزنىڭ ئىپتىخارى بىلەن ھازىرمۇ بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ دۇنياغا مەغرۇر قارىيالايدىغان بىر كۈن."
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ كۈننى سېغىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇ ئەركىنلىكىنى، ئۇ كۈننى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى مەشھۇر تۈرك شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئاڭلاتقان: "مانا ئەمدىلىكتە يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي، ئاشۇ بۈگۈننى خاتىرىلىمەكتىمىز، ئاشۇ بۈگۈننى سېغىنماقتىمىز، ئاشۇ بۈگۈنگە تەلپۈنمەكتىمىز، چۇڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئاشۇ بۈگۈننى چاقىرماقتىمىز. ئەمما مىللىي تارىخىمىزنىڭ مېراجى بولغان ئۇلۇغ بۈگۈنىمىز بولسا، بىزگە ئېچىنىپ نالە قىلماقتا، خۇددى تۈركىيە شائىرى:
بايراقنى بايراق قىلغان ئۈستىدىكى قاندۇر،
تۇپراق ئەگەر جان بەرگۈچى بولسا ۋەتەندۇر.
دېگىنىدەك ۋىجدانىمىزغا خىتاب قىلماقتا. ئاشۇ بۈگۈنىمىزنى قايتىدىن قايتۇرۇپ ئالالىشىمىز ئۈچۈن بىزنى بەدەل تۆلەشكە چاقىرماقتا."
بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەت ھەققىدە سېيىت تۈمتۈرك بىلەن ۋە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە تارىخچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.