'يىراق ئاسىيادىن يېقىن ئاسىياغىچە قەدىمقى تۈرك تىلى' ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن تۈركىيىدە ئېچىلماقتا

'خەلقئارالىق يىراق ئاسىيادىن يېقىن ئاسىياغىچە قەدىمقى تۈرك تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" تۈركىيىنىڭ ئافيون شەھىرىدە داۋام قىلماقتا. 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا گېرمانىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، كورىيە، خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن 40 تۈركولوگ قاتناشماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا مەشھۇر تۈركولوگلاردىن پروفېسسور دوكتور ئىگور كورمۇشىن، پروفېسسور دوكتور ئوساۋا تاكاشى، پروفېسسور دوكتور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر، پروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن قاتارلىقلارمۇ قاتناشماقتا.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلاردىن دوكتور دىلارا ئىسراپىل "خىتايدا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بەزى يېڭى تەتقىقاتلار" تېمىسىدا، دوكتور رازىيە نۇرى خانىم بولسا "خىتايچىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتىكى بەزى مەسىلىلەر" تېمىسىدا سۆز قىلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يېڭى تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇرچە تېكىستلار ھەققىدىمۇ كۆپ ساندا ماقالە ئوقۇلىدىكەن.

بۇ يىغىننى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن ئافيون قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پروفېسسور دوكتور شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.