ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلاشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تۈركىيىدە رۇخسەتسىز ياشاۋاتقان 16 ئۇيغۇرنى سولىتىۋەتكەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىپ، بۇلارنىڭ ئون بىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 5 كىشى يەنىلا تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
تۈرك ئادۋوكاتلارنىڭ دېيىشىچە، بۇلارنىڭ 6 ئاي سوراقسىز بۇنداق يېتىشى تۈرك قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن تېررورچى دەپ ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. ئەمما د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى، چۈنكى بۇلار تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيىدە تۇرۇش رۇخسىتى يوق دەپ سولانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا بۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈرك قانۇنىغا ئاساسەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ 5 ئۇيغۇر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلاردىن بىرى بولغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.