ژۇرنال 3 ئايدا بىر سان چىقىدىغان پىكىر ۋە مەدەنىيەت جۇرنىلى بولۇپ، تۈركىيىدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدۇ. ژۇرنالنىڭ بۇ مەخسۇس سانىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەتنىڭ "ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلىسى" تېمىسىدىكى ماقالىسى بىلەن "خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى" تېمىسىدىكى ماقالىسى ئورۇن ئالغان.
بۇنىڭدىن باشقا بۇ ساندا يەنە، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم، ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلى قاتارلىق ئىلىم ئادەملىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىغا يەر بېرىلگەن.
بىز بۇ ژۇرنال ۋە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەركىن تارىم: تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللىرىدىن بىرى بولغان "تۈركىيە گۈنلۈگۈ"، يەنى ، تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى ناملىق ژۇرنال ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت مەخسۇس سانىنى چىقاردى. سىز ئالدى بىلەن ژۇرنالنىڭ بۇ سانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز.
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت: "تۈركىيە گۈنلۈگۈ" سىز دەپ ئۆتكەندەك تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللىرىدىن بىرى. تۈركىيىنىڭ سىياسىي پىكىر ۋە تەپەككۇر ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي، ئاكادېمىك ژۇرناللارنىڭ بىرى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى توختاپ قالماي نەشىر قىلىنىپ كەلگەن ۋە خېلى كەڭ مۇشتىرى مۇھىتى بولغان بىر ژۇرنال. بۇ ژۇرنالنى تۈركىيىدە ئىلىم ۋە سىياسەت ساھەسىدىكىلەر كۆپ ئوقۇيدۇ. شۇڭا بۇ ژۇرنالنىڭ بىر سانىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئايرىپ بېرىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسەت ساھەسىدىكى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلەر ژۇرنالنىڭ بۇ سانى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىدە قالماي توغرا مەلۇمات ئالالايدۇ ۋە ۋەقەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ.

"تۈركىيە گۈنلۈگۈ" جۇرنىلىنىڭ بۇ سانىغا در. ئەركىن ئەمەت ئەپەندىمنىڭ ئىككى ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىچكى يۈزى" دېگەن ماقالە، يەنە بىرى، "رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت" دېگەن ماقالە. بۇ ماقالىلاردا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە جەريانلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە قوللانغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى، بارىن ۋە غۇلجا ۋەقەسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلگەن. رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوقمۇ، بۇ ۋەقەدە ئامېرىكىنىڭ تەسىرى بارمۇ يوقمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەقسىتى نېمە دېگەندەك سۇئاللارغا رابىيە قادىر بەرگەن بىۋاستە جاۋابلار يەر ئالغان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا، تۈركىيىدىكى بەزى مەتبۇئاتلاردا رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بولغانلىقى، رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچىقى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ غۇلغۇلا ۋە گۇمانلارنى يوق قىلىش كېرەك ئىدى. در. ئەركىن ئەمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ ئىككى ماقالىسى بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارايمەن. ژۇرنالدا يەنە در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە تۈركىيىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسىگە بولغان ئىنكاسلىرىنى تېما قىلغان بىر ماقالىسى بېسىلدى. بۇ ماقالە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى مىللەتچى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك پوزىتسىيىسىنى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇششۇقلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشتە بۇ ماقالىنىڭ مۇھىم رولى بار دەپ ئويلايمەن.
ئەركىن تارىم: بۇ ژۇرنالدا سىزنىڭ ئىككى پارچە ماقالىڭىز ئېلان قىلىنغان، بۇ ماقالىلىرىڭىز ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز.
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت: بۇ ژۇرنالدا مېنىڭ "رابىيە قادىرنىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلىسى" دېگەن ماقالەم بىلەن "خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا يولغا قويغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىلىرى" دېگەن ماقالەم بېسىلدى. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى تۈركىيە جامائەتچىلىكى رابىيە قادىرنى بىلمەيتتى. ۋەقە جەريانىدا ھەم دۇنيا ھەم تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا رابىيە قادىر ھەر كۈن دېگۈدەك باش خەۋەر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە جامائەتچىلىكى رابىيە قادىرنى ئۇيغۇر مىللى كۈرىشىنىڭ بىر رەھبىرى ئىكەن دەپ تونۇدى. بەزى كىشىلەر بولسا رابىيە قادىرغا گۇمان بىلەن ئامېرىكا تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلگەن بىر ئايال دەپ قارىدى. يەنى، رابىيە قادىرنىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلىسى ھەققىدە جامائەتچىلىكنىڭ كۆپ مەلۇماتى يوق ئىدى. مەن بۇ نۇقتىنى نەزەرگە ئېلىپ رابىيە قادىرنىڭ ھاياتىنى ۋە بۇرۇن ئېلىپ بارغان مۇجادىلىسىنى يازغان ئىدىم. تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ رابىيە قادىرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە بىلىشىدە بۇ ماقالىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن.
"خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا يولغا قويغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىلىرى" دېگەن ماقالەمدە بولسا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر ئىككى كىشىنىڭ كۈشكۈرتىشى ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلىدىن ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بارغان پلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلدىم.
ئەركىن تارىم: سىز ماقالىڭىزدا رابىيە قادىرنىڭ ھاياتىنى يېزىپسىز، سىزچە ئۇنىڭ ھاياتى قانداق بىر ھايات؟ مۇجادىلىسى قانداق بىر مۇجادىلە؟
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت: رابىيە قادىرنىڭ ھاياتى جاپا - مۇشەققەت بىلەن ئۆتكەن بىر ھايات. مۇستەھكەم بىر ئىرادە، ئۇلۇغ غايە ۋە تىرىشچانلىق بىلەن يوغۇرۇلغان بىر ھايات. پۈتۈن مال - مۈلكى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ بىر پارچە نانغا مۇھتاج بولۇپ قالغان بىر ئائىلىدە يېتىشىپ 15 يېشىدا تۇرمۇشقا چىقىشقا مەجبۇر بولغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە يولدىشىدىن ئايرىلىپ 6 بالىسى بىلەن يالغۇز قالغان بىر ئايالنىڭ مىليونلارچە يۇئەن پۇل تېپىپ خىتايدىكى ئەڭ باي ئون كىشىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى بىر مۆجىزە دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى رابىيە قادىر بىر مۆجىزە ياراتقان ئايال. بەزىلەر، ھاياتتا ھەممە نەرسىگە ئېرىشكەن، پۇل دېسە پۇلى، شۆھرەت دېسە شۆھرىتى، ئەمەل دېسە ئەمەلى بولغان بۇ ئايالنىڭ نېمىسى كەم ئىدى؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.
شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسان ئۈچۈن پۇلدىنمۇ مۇھىم بەزى نەرسىلەر بار. ئۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى، ئىززەت ھۆرمىتى ۋە شان - شەرىپى. ئەركىنلىكى بولمىغان، ئىززەت ھۆرمىتى ۋە شان - شەرىپى بولمىغان بىر ئىنسان ياكى مىللەت ئالتۇن قەپەزدىكى ئارسلاندىن پەرقى بولمايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك بۇ ھەقتە "قانچىلىك باي ۋە باياشات ئىچىدە ياشىسا ياشىسۇن، مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم قالغان بىر مىللەت مەدەنىي ئىنسانلىق دۇنياسى ئالدىدا چاكار - مالاي مۇئامىلىسىدىن يۇقىرى مۇئامىلىگە لايىق كۆرۈلمەيدۇ" دېگەن ئىدى. شۇڭا رابىيە قادىرنىڭ مۇجادىلىسىنى مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى، شان - شەرىپى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئەركىن تارىم: پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى ماقالىڭىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىلىرى تېمىسىدا. بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ماقالىڭىزدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپسىز. سىزچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قانداق مەيدانغا چىققان؟
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ نېگىزىدە شەرقىي تۈركىستان كىمنىڭ زېمىنى؟ دېگەن سوئال مەۋجۇت. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مانا بۇ سوئالغا بېرىلگەن ئىككى پەرقلىق جاۋابتىن ئوتتۇرىغا چىققان. خىتايلار بۇ سوئالغا شەرقىي تۈركىستاننى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇيغۇر خەلقى بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ئىككى ئوخشىمايدىغان جاۋاب شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان.
خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى بىر بىرىگە قارشى ئىككى پەرقلىق ئاڭ ۋە ئىدېئولوگىيىگە ئايلانغان. بۇ ئىككى ئاڭ ۋە ئىدىئولوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش سىياسىي جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەكىس ئېتىپ بەلگىلىك شەرت - شارائىت ئاستىدا توقۇنۇشقا، ھەتتا ئۇرۇشقا ئايلانغان. يېقىنقى تارىخىمىزدا كۆرۈلگەن توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى بۇ پەرقلىق ئىككى ئاڭ ۋە ئىدىئولوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى. بۇ ئىككى ئاڭ ۋە ئىدېئولوگىيىنىڭ بىرى يوق بولماي تۇرۇپ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنىڭ ئاياقلىشىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇ ئىككى ئىدېئولوگىيىنىڭ بىرىسىنىڭ يوق بولۇشى ئۈچۈن يا خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇر زېمىنى دەپ تاشلاپ چىقىپ كېتىشى كېرەك، ياكى بولمىسا، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىپ مۇستەقىللىقتىن ۋازكېچىشى كېرەك.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھېچ بىرى ئىدېئولوگىيىسىدىن ۋاز كېچىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئاڭ ۋە ئىدېئولوگىيىنى يوق قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا دەپ قارىغان. شۇڭا پۈتۈن سىياسەتلىرىنى بۇنىڭغا قارىتا تۈزۈپ چىققان.