يىغىنغا نېھدە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور مۇرات ئالپ ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور رەمزى قىلىچ ئەپەندى، كىتاب كۇلۇبى باشلىقى دوكتور شاھىن ئورۇچ ئەپەندىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
كىتاب كۇلۇبى باشلىقى شاھىن ئورۇچ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ تۈركلەرنىڭ 1000 يىل بۇرۇن ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى، ئانا ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇمنى ئۇنۇتماسلىق ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.
ئاخىرىدا كىشىلەر، سېيىت تۈمتۈركتىن بەس - بەس بىلەن سوئال سورىغان بولۇپ، يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغان. يىغىندىن كېيىن، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە كۆكبايراق ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى تۇرسۇن سۈيدۈڭلۈ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە نېھدە شەھەر باشلىقى فارۇق ئاقدوغان ئەپەندى ھەمدە نېھدە ۋالىيسى ئالىم بارۇت ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
بىز سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئالدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.