پامۇققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات قۇلۇپىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى در. سۇلايمان سولماز ئەپەندى قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈرك ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، چۈنكى، 21 - ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يىغىندا ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مۇئاۋىن پروفېسسور در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى "قەدىمدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇن ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قىسقىچە ئاڭلاتقاندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا 1990 - يىللاردىن كېيىنكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. بۇ پۈتۈن كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى.
3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاخشام سائەت 7دە دېنىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى تۈركىيىدىكى ئەڭ كونا ۋە ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى دېنىزلى شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا دېنىزلىدىكى زىيالىيلار، يازغۇچىلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاممىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى در. مەمەت بايلان ئەپەندى بۇ يىغىننى چىقىرىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېگى تۈرك. بىز ئۇلارغا يېقىنلىق ھېس قىلىمىز. ئۇلارنىڭ بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىغا بىز رازى ئەمەس. ئۇلارنىڭ نېمە دەرتلەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز."
در. مەمەت بايلان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە داۋاملىق ھالدا خەلقىمىزگە مەلۇمات بېرىمىز، زۆرۈر بولغاندا يەنە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا بىرەر ۋەقە مەيدانغا كەلسە بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا ئاكتىپ ھالدا مەلۇمات بېرىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، 300 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى. شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.