تۈركىيىدىكى 'س ن ن تۈرك' قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

تۈركىيىدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ پەلەستىنگە ياردەم ئېلىپ كېتىۋاتقان كېمىسىگە ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى بىلەن باشلانغان تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىشىش تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

بۇ مەسىلىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى سۆھبەتلەردىن ئورۇن ئالدى.

"س ن ن تۈرك" تېلېۋىزىيىسىدىكى بىر مۇنازىرە پروگراممىسىغا قاتناشقان تۈركىيە مىللى بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى ئۆزدەن سانبەرك ئەپەندى ۋە سابىق باش ئەلچى يالمان ئەپەندىلەر "پەلەستىن ھەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى تۈركىيىنىڭ مىللىي مەسىلىسىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟" دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

پروگراممىدا يەنە تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى در. سىنان ئوگان ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پەلەستىنلىكلەرگە قىلغاندەك ھېسداشلىق قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. پارلامېنت ئەزاسى زەينەپ داغى خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بېلگىيىگە بارغاندا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ھۆكۈمەت قەيەردە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئىنسانلار بولسا، ئۇلارغا ھېسداشلىق ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا قاتناشقان بەزى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيىنىڭ مىللىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈمەن دەپ تۈركىيىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سىياسىي پائالىيەتچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.