تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلماقتا؟

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى ھەپتىگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلانغان ئىدى. ھەتتا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارشى مەتبۇئات ھۇجۇمىغا ئۆتتى. خىتاي كونسۇلخانىسى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا "ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى" تېمىسىدىكى س د پىلاستىنكىسى ئەۋەتىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلماقتا؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىزدە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئەنقەرەگە كېلىپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ 1998 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن چىقارغان 36 نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.