تۈركىيىنىڭ توكات ۋىلايىتىدە 'شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمى' تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيىنىڭ توكات ۋىلايىتىدە 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن "شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمى" تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىندا توكات غازى مۇستافا كامال ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزگە باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن.

كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، 17 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

يىغىن ئاخىرىدا غازى ئوسمان پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى، پروف. در. زېھرا سېيفىكلى خانىم سېيىت تۈمتۈرككە رەخمەت ئېيتىپ تەقدىرنامە بەرگەن.

يىغىنغا 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. توكات زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىمۇ چاقىرغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، توكات ۋىلايىتىدىكى "قانال 60 تېلېۋىزىيە" قانىلىدا بىر سائەتلىك پروگراممىغا قاتناشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.