تۈركىيىنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىدە 'ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان' تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىدە "ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان. بۇ يىغىن تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﯜﺗﺎﻫﻴﺎ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﯜﺗﺎﻫﻴﺎ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

يىغىنغا 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن. يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى كۈتاھيا ۋالىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈنۈگۈن كەچ، كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى بىرلىك تېلېۋىزورىدا بىر سائەتلىك پروگراممىغا قاتناشقان. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىلماقتا.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﺎﻫﻴﺎ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﺎﻫﻴﺎ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. RFA photo / Erkin Tarim

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يېقىندىن بېرى ئىستانبۇل، ئاناتولىيە، غازىئانتېپ، خاتاي، ئەنقەرە قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺳﯩﻴﯩﺖ ﯬﭘﻪﻧﺪﯨﻢ 5-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺗﯜﻛﯩﻴﻪﺩﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .5-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﯰﻻﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻧﺪﯨﻦ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﯪﺧﺒﺎﺭﺍﺗﯩﻐﺎ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ .ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﭼﻮﯻﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﯪﻟﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﯮﯻﯘﺷﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ !

Dec 19, 2009 09:02 AM

تولۇق بەت