تۈركىيىنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىدە 'ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان' تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىدە "ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان. بۇ يىغىن تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

يىغىنغا 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن. يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى كۈتاھيا ۋالىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈنۈگۈن كەچ، كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى بىرلىك تېلېۋىزورىدا بىر سائەتلىك پروگراممىغا قاتناشقان. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىلماقتا.

Siyiti-tumturk-Doklat-Turkiyining-kutahya-wilayitide-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﺎﻫﻴﺎ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA photo / Erkin Tarim)

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يېقىندىن بېرى ئىستانبۇل، ئاناتولىيە، غازىئانتېپ، خاتاي، ئەنقەرە قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.