2009 - يىلى تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.12.31
2009.12.31
RFA Photo / Erkin Tarim
2009 - يىلى تۈركىيە تارىخىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن يىلى بولدى. ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم خاتىرە كۈنلىرىدە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى خىتايلارنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا تىلغا ئېلىشقا باشلىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قەيسەرى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى 75 ياشتىكى ئۇيغۇر گۈلمەتخاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھال سورىغان ئىدى. بۇ زىيارەتتە باش مىنىستىردىن باشقا، دۆلەت مىنىستىرى فارۇق ئۆزكۆك، ئېنىرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ۋېيسەل ئەروغلى ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىمۇ بار ئىدى.
6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە باردى. ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قېرىنداش بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالاھىدە يەر بېرىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، تۈرك ھۆكۈمىتىنى خىتايلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 7 - ئاينىڭ9 - كۈنى بايانات بېرىپ `ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خۇددى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزدىن باشقىسى ئىپادە قىلالمايدۇ` دېدى. ئۇ يەنە رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈل ئەپەندى تۇرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىق قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ باياناتلىرىغا قارشى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ تۇركىيىدىكى گۇماشتىلىرىنىڭ كۇشكۇرتۇپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ئەلچىسى يەنە، ئەگەر تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ شىنجياڭدىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلسە بۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا تۈركىيىدىكى ئەللىكتىن ئارتۇق مەسچىتتە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جىنازە نامىزى قىلىندى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرك ھۆكۈمىتى مەخپىي ھۆججەت تارقىتىپ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن 1998 - يىلى چىقىرىلغان 36 - نومۇرلىق ھۆججەتنى بىكار قىلدى. بۇ ھۆججەت تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، خىتايلار بۇ ھۆججەتتىن پايدىلىنىپ تۈركىيىدىكى بەزى پائالىيەتلەرنى قىلدۇرمىغان ئىدى. كېيىن تۈرك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرغان بىر ھۆججەت چىقاردى.
2009 - يىلى يەنە تۈركىيىدە مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلاردىن بېرى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدا تۈرك دۈنياسى ئىشخانىسى ئېچىلدى. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرقانچە قېتىم تۈرك پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كەلدى. بۇلاردىن باشقا 2009 - يىلىدا دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك كۆپ قېتىم تۈرك رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۈنيادا شۇنداقلا تۈركىيىدە 2010 - يىلىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئېنىستىتۇتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ 2009 - يىلىدىكى تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى ۋە 2010 - يىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيىدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.