تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار قۇرئان كۇرسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى

تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قەيسەرى ۋىلايىتى بويىچە قۇرئان كۇرسى ئېچىپ كىشىلەرگە دىنىي تەربىيە ئېلىپ بارماقتا. قەيسەرىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدە تۈركىستان قۇرئان كۇرسى نامىدا كۇرس بار بولۇپ، 20 يىلدىن بېرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۇرسقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلاردۇر.

0:00 / 0:00

ئۇلار پۈتۈن قەيسەرى بويىچە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوم تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەڭ ئالىي نەتىجە بىلەن بىرىنچى بولغان نۇرشەن كۆسە خانىم بىلەن ئىككىنچى بولغان گۈلىزار قاخان خانىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوم تارقىتىش مۇراسىمىدا 37 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دىپلوم ئالدى. قەيسەرى ۋىلايىتى بويىچە 61 قۇرئان كۇرسى بار بولۇپ، قۇرئان ئۆگىنىش مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىستان قۇرئان كۇرسى 6 - بولغان.

تۈركىستان قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان شەنگۈل يىلماز خانىم شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز ۋەتىنىدە دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە بولمىغاچقا تۈركىيىدە ئاكتىپلىق بىلەن دىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، دەرس نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمەن تۈركلەردىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ كۇرس ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى شەنگۈل يىلماز خانىم ۋە بۇ كۇرسنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.